كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: خىتاي دىپلوماتلىرىنى قوغلاپ چىقىرىشنى ئويلاشتۇق

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتاي دىپلوماتلىرىنى قوغلاپ چىقىرىشنى ئويلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 5-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاخبارات ئورگىنىنىڭ دوكلاتىدا خىتاي دىپلوماتلىرى كانادا ئۆكتىچى پارلامېنت ئەزاسى مايكىل چۇڭنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ مەلۇماتى ھەققىدە ئۇچۇر ئېلىشقا ئۇرۇنغانلىقى سەۋەبلىك، خىتاينىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق بىر قانچە دىپلوماتىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى ئويلاشقان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مېلانى جۇلى كانادا پارلامېنتى قارمىقىدىكى كومىتېتقا كانادا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتاينىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۇڭ پېيۋۇنى چاقىرتىپ، كانادانىڭ بۇنداق ئارىلىشىشقا يول قويمايدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان.

مايكىل چۇڭ يەنە: «خىتاي دىپلوماتى دەرھال كانادادىن ئايرىلىشى كېرەك. خىتاي دىپلوماتىنىڭ تېخىچە كانادادىن ئايرىلىشى تەلەپ قىلىنمىغانلىقىنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ» دېگەن.

ئۇ يەنە: «ئەگەر بىز بۇ قېتىم قوغلاپ چىقىرىش ھەرىكىتىنى ئىشقا سالمايدىغان بولساق، دۇنيادىكى ھەر بىر مۇستەبىت دۆلەتكە كانادا پۇقرالىرىغا چەتئەلنىڭ ئارىلىشىشى ئۈچۈن ئىشىك ئوچۇق ئىكەنلىكى ھەققىدە بېشارەت بەرگەن بولىمىز» دېگەن.

ئۆكتىچى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تەلىپى توغرىسىدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جۇلى: «بىز خىتاي دىپلوماتلىرىنى قوغلاپ چىقىرىش مەسىلىسىدە ئوخشىمىغان ئۇسۇللارنى ئويلىشىۋاتىمىز» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، كانادا پارلامېنتى مايكىل چۇڭ 2021-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپنى ماقۇللاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاي شۇنىڭدىن كېيىنلا مايكىل چۇڭغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. خىتاي ئاخبارات ئورگانلىرىمۇ مايكىل چۇڭنىڭ تۇغقانلىرىغا تەھدىت سالغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 664 قېتىم كۆرۈلدى
06/05/2023 15:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق