خىتاي-پاكىستان-ئافغانىستان ئۈچ تەرەپلىك سۆھبىتى باشلاندى

خىتاي ۋە پاكىستاننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئافغانىستان بىلەن پاكىستاندا ئۈچ تەرەپلىك سۆھبەت باشلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 5-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي-پاكىستان-ئافغانىستان ئۈچ تەرەپلىك سۆھبىتى باشلانغان بولۇپ، سۆھبەتتە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ، ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەمىرخان مۇتتەقى ۋە پاكىستان ئەمەلدارلىرى ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشىدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنى ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن داۋاملىق سۆھبەتلىشىشكە چاقىرىپلا قالماستىن، يەنە تالىباننى مۆتىدىل ھۆكۈمەت قۇرۇپ قوشنا دۆلەتلەر بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ۋە ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشقا چاقىرىپ كەلگەن.

چىن گاڭ ئۈچ تەرەپ سۆھبىتىگە قاتناشقاندىن باشقا، پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلاۋال بۇتتو زەردارى بىلەن خىتاي-پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئىستراتېگىيەلىك دىيالوگنىڭ تۆتىنچى ئايلانما سۆھبىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىدىكەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ئىككى دۆلەتنى «مەڭگۈلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىك ۋە چىن دوستلار» دەپ تەسۋىرلىگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالدىنقى ئايدا خىتاي ئۆزىنىڭ تەرەققىيات پىلانىنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشقا باغلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكىنى ئىندەككە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنماقتىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئالدىنقى ئايدا خىتاي «خىتاينىڭ ئافغانىستان مەسىلىسىدىكى مەيدانى» ماۋزۇلۇق 11 ماددىلىق سىياسەت ھۆججىتى ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر ھۆججەتتە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىخەتەرلىك تەرەققىياتنىڭ ئاساسى ۋە ئالدىنقى شەرتى ئىكەنلىكى ھەققىدە جار سالغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 659 قېتىم كۆرۈلدى
06/05/2023 15:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق