خىتاي بىلەن ھىندىستان ھىمالايا تېغىدا ئۈن-تىنسىز تىركەشمەكتە

 

خىتاي بىلەن ھىندىستان ھىمالايا تېغىدىكى تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان چېگرا بويىدا يېڭى يول ۋە كۆۋرۈك سېلىش، زامانىۋى ھەربىي گازارما ۋە پۇقرالار ئۇل ئەسلىھەلىرىنى سېلىش ئارقىلىق ئۈن-تىنسىز تىركەشمەكتە.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 5-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالدىنقى ئايدا خىتاي ھىندىستاننىڭ ئارۇناچال پىرادېش ئۆلكىسىگە جايلاشقان زېمىتاڭنىڭ نامىنى «باباڭ» غا ئۆزگەرتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئارۇناچال پرادېشتىكى باشقا كەنتتىكى بىر ئورۇننىڭ نامىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، يېڭى دېھلى خىتايغا قەتئىي يول قويمىغان.

ۋەقەدىن كېيىن، ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى دەرھال بايانات ئېلان قىلىپ: «ئارۇناچال پرادېش ھىندىستاننىڭ ئايرىلماس تېررىتورىيەسى بولۇپ كەلدى، بۇندىن كېيىنمۇ مەڭگۈ شۇنداق بولىدۇ. بىر قانچە يەر نامىنى قايتا ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇش ھازىرقى ھالەتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئىشغالىيىتىدىكى تىبەتنىڭ جەنۇبى دەپ ئاتالغان ئارۇناچال پىرادېش تىبەت مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئوخشاش بولۇپ، بۇ يەرنىڭ يەر شەكلى تىك تاغ، تاغ ئېغىزى دېڭىز يۈزىدىن 4750 مېتىر ئېگىز ئىكەن. بۇ يەر ھەر يىلى 5-ئايغىچە قار بىلەن قاپلانغان ھالدا تۇرىدىكەن. تاغ ئېتىكى قويۇق ئورمانلىق بولۇپ، بۇ يەردە ئۇرۇش قىلىش ناھايىتى قېيىن ئىكەن. خىتاي بىلەن ھىندىستان بۇ رايوندا ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سالغان. خىتاينىڭ بۇ رايوندا ھەربىي ۋە خەلق بىنالىرىنى كېڭەيتىش قىلمىشى يېڭى دېھلىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىغان بولۇپ، مودى ھۆكۈمىتى خىتايغا قارشى چوڭ قۇرۇلۇش پىلانىنى يولغا قويغانىدى. ئۇندىن باشقا ھىندىستان بۇ رايونغا چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا، چىنوك ئايروپىلانى، ئامېرىكا ئىشلەپچىقارغان تىك ئۇچار ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئورۇنلاشتۇرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، شى جىنپىڭ دەۋرىدە خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىق كېڭىيىشىگە دۇچ كەلگەن ھىندىستان ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ۋە ياپونىيە بىرلىكتە قۇرغان «تۆت دۆلەت ئىتتىپاقى»غا قوشۇلغان. خىتاينىڭ زېمىتاڭ رايونىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ھىندىستاننىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئامىت شاھ چېگرا رايونىدا ياشايدىغان پۇقرالار ئۈچۈن 585 مىليون دوللارلىق «ھاياتىي كۈچكە تولغان يېزا» پىروگراممىسىنى يولغا قويغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

بۇ خەۋەر 588 قېتىم كۆرۈلدى
06/05/2023 14:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق