تۈركىيەدە يەنە بىر يېڭى نېفىتلىك بايقالدى

2-ماي تۈركىيە نېفىت شىركىتى يېڭى نېفىتلىك بايقىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ نېفىتلىك تۈركىيەنىڭ سۇرىيە ۋە ئىراققا قوشنا شىرناق ۋىلايىتىدىكى گابار تېغىدىن بايقالغان بولۇپ، نېفىتلىككە 2017-يىلى پ ك ك تەرىپىدىن شېھىت قىلىنغان 21 ياشلىق ئوقۇتقۇچى ئايبۈكە يالچىننىڭ ئىسمى قويۇلغان. نېفىت زاپىسى بىر مىليارد باكقا يېقىن بولۇپ، 2600 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا ئىكەن. يېڭى بايقالغان نېفىت زاپىسى تۈركىيەگە 80 مىليارد دوللارلىق ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىدىكەن.

بۇ نېفىتلىكتە رەسمىي ئىش باشلانغاندا ھەر كۈنى 100 مىڭ باك (15 مىليون 900 مىڭ لىتىر) نېفىت بۇرغىلاش پىلانلانغان. بۇلتۇر بايقالغان نېفىتلىكتىن ھەر كۈنى 80 مىڭ باك نېفىت ئېلىنىۋاتقان بولۇپ، ئەگەر بۇ نېفىتلىك رەسمىي ئىشقا كىرىشسە، تۈركىيە كۈنلۈك 180 مىڭ باك نېفىت بۇرغىلاپ چىقىرىدىكەن. بۇ نېفىتلار تۈركىيەنىڭ 10% لىك ئېھتىياجىنى تەخمىنەن ئون يىل قامدايدىكەن.

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيە نېفىت شىركىتى يېقىنقى يىللاردا تۈركىيەنىڭ قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز تەۋەلىكىدىكى كۆپلىگەن جايلاردا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قاتارلىق يەر ئاستى بايلىقلىرىنى تەكشۈرۈپ، تېپىپ چىقىشقا تىرىشماقتىكەن. تۈركىيە بۇرۇن تېخنىكا كۈچى بولمىغاچقا، چەت ئەل شىركەتلىرىگە پۇل بېرىپ ئىشلەتكەنىكەن. ئۇلار تۈركىيە زېمىنىنى يىللاپ تەكشۈرۈپ، نېفىت ياكى تەبىئىي گاز يوقكەن، دەپ كولىغان قۇدۇقلارغا سېمونت لاي تۆكۈپ تىندۇرۇۋەتكەنىكەن. تۈركىيە يېقىنقى بىر قانچە يىلدا ئۆز شىركەتلىرىگە تايىنىپ، ئۇ تىندۇرۇۋېتىلگەن قۇدۇقلارنى قايتىدىن تەكشۈرۈپ، بەزى قۇدۇقلاردىن خېلى كۆپ مىقداردا تەبىئىي گاز ۋە نېفىت تېپىپ، ئۆز تېخنىكا كۈچىگە تايىنىپ بۇرغىلاشقا باشلىغان.

خەۋەرلەردە قەيت قىلىنىشىچە، تۈركىيەنىڭ بۇ بىر قانچە يىل ئىچىدە تېپىپ، بۇرغىلاپ چىقىرىشقا باشلىغان تەبىئىي گاز ۋە نېفىت قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلىرى تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ يۈكسىلىشىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، مىلياردلىغان دوللار ئىقتىسادنىڭ سىرتقا ئېقىپ چىقىپ كېتىشىنى تىزگىنلەيدىكەن.

تەييارلىغۇچى: مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

بۇ خەۋەر 630 قېتىم كۆرۈلدى
06/05/2023 12:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق