ئسىتانبۇلدىكى شېھىت ئېرول ئولچۇق قىزلار ئانادولۇ ئىمام خاتىپ ئوتتۇرا مەكتىپىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇلغان سۆھبەت يىغىندا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى ۋە ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلدى.
مەزكۇر سۆھبەتتە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئاياللار ۋە ئائىلە ئىشلىرى رەئىسى ۋە نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم سۆز قىلدى.
ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىن قىلىش ھەمدە ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى جىنايى قىلمىشلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى.
يىغىندا يەنە ئۇيغۇر شائىرە نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىممۇ شىئىر ئوقۇدى.
نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى يەنە يىغىن زالى سىرتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش كۆرگەزمىسى ئاچتى. كۆرگەزمىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، ئۆي جابدۇق ھەمدە چالغۇ ئەسۋاب مەدەنىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى تونۇشتۇردى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ