خىتاي ئاخبارات ئەركىنلىكى جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئاخىردىن سانىغاندا ئىككىنچى ئورۇنغا تىزىلدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 5-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، «چېگراسىز مۇخبىرلار» تەشكىلاتى ئېلان قىلغان «2023-يىللىق يەرشارى ئاخبارات ئەركىنلىكى كۆرسەتكۈچى» دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى دۇنيا بويىچە ئاخىرىدىن سانىغاندا ئىككىنچى ئورۇنغا تىزىلغان. بۇ يىل خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ توسالغۇغا ئۇچراش دەرىجىسى شىمالى كورىيەدىن ئېشىپ كەتكەن.
دوكلاتتا خىتاينىڭ دۇنيا بويىچە ژۇرنالىستلار ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تۈرمە ئىكەنلىكى، مۇخبىرلارنى باستۇرۇش قىلمىشلىرىنىڭ بارغانسېرى شىمالىي كورىيەدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. خىتايدا تۇرۇشلۇق بىر تۈركۈم چەت ئەل مۇخبىرلىرى ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسىغا: «خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىك مۇھىتى ناچارلىشىپ، يوقىلىش دەرىجىسىگە يېقىنلاشتى. شۇڭا بۇ يىللىق باھالاشتا خىتاينىڭ مۇخبىرلارغا چەكلىمە قويۇش دەرىجىسىنىڭ ئۆرلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس» دېگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، شى جىنپىڭ 2016-يىلى بارلىق تاراتقۇلار كومپارتىيەگە ئەگىشىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەندىن بۇيان، خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى مۇھىتى تېخىمۇ ناچارلاشقان. شۇنىڭ بىلەن خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى خەلقئارادىكى 180 دۆلەت ئىچىدە 179-ئورۇنغا تىزىلغان بولۇپ، تارىختىكى ئەڭ ناچار ھالغا چۈشۈپ قالغان.
مەزكۇر دوكلاتتا تىلغا ئېلىنىشىچە، دۇنيادىكى 180 دۆلەت ئىچىدە بۇ يىللىق ئاخبارات ئەركىنلىكى بويىچە تىزىلغان رەت تەرتىپتىكى ئاخىرقى ئۈچ دۆلەتنىڭ ھەممىسى كوممۇنىست دۆلەتلەر بولۇپ، خىتاي بىلەن ۋىيېتنام ئەڭ ئاخىرىغا تىزىلغان.
چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ تەيبېيگە جايلاشقان شەرقىي ئاسىيا ئىشخانىسىنىڭ ئىجرائىيە ئەمەلدارى سېدرىك ئالۋىيانى 3-ماي ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا 2002-يىلى ئاخبارات ئەركىنلىك كۆرسەتكۈچى ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى رەت تەرتىپىنىڭ ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى، كىشىنى چۆچۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ