خىتاي ئەلچىخانىسى تەشكىللىگەن خىتايپەرەس ئۇيغۇرلار تۈركىيەگە قايتتى

خىتاينىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ئەلچىخانىدىكى ۋاڭ فامىلىك خىتاي دىپلومات يېتەكچىلىك قىلغان، شۇنداقلا تۈركىيەدە خىتايغا سادىقلىقى بىلەن تونۇلغان سابىر بۇغدا ئۆمەك باشلىقى بولغان 20 كىشىلىك ئۆمەك 4-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن باشلاپ بېيجىڭ، خوتەن، قەشقەر ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردە زىيارەتتە بولغان.

مەزكۇر ئۆمەك خىتاينىڭ ئۆز جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشى ۋە دۇنياغا ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزمىگەنلىكىنى داۋراڭ سېلىشى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق تەشۋىقات قورالى بولۇپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن زىيارەت جەريانىدا خىتاي رېجىمى تەرىپىدىن ئالاھىدە كۈتۈۋېلىنغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە مەكتەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرى ۋە باشقا بىر قىسىم جايلاردا زىيارەتتە بولغان. ئۇلار قەشقەر ۋە خوتەندىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئاخىرىدا ئۈرۈمچىدە ئاتالمىش شىنجاڭ مەدەنىيەت مۇزىيخانىسىدا زىيارەتتە بولغان ۋە 5-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭ مۇھاجىرلار ئىدارىسىنىڭ كۈتۈۋېلىش زىياپىتىدە خىتايپەرەسلەردىن سابىر بۇغدا ۋە ئۇنىڭ كاتىپى ئادىلە، پەرىدە ئەنۋەر، زەينەش ئىسمائىل (قازاق) قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ زىيارەتتىكى تەسىراتلىرىنى سۆزلىگەن. ئىگەللىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا بۇ ئۆمەك ئەزالىرىنىڭ بىر قىسمى بۈگۈن 5-ماي تۈركىيەگە قايتىدىكەن.

ئىگىلىشىمىزچە، خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى ئەڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىلىرىدىن پەرىدە ئەنۋەر بىلەن سابىر بۇغدانىڭ كاتىپى ئادىلەنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن بۇ يىل ئىككىنچى قېتىم شەرقىي تۈركىستانغا ساياھەتكە ئەۋەتىلىشى ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1521 قېتىم كۆرۈلدى
05/05/2023 17:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق