كانادادىكى ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تۇغقانلىرىغا تەھدىت سېلىش بىلەن ئالاقىسى بار خىتاي دىپلوماتلىرىنى قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 4-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كانادادىكى ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيە 3-ماي ئوتتاۋانىڭ كونسېرۋاتىپ پارلامېنت ئەزاسى مايكېل چوڭنىڭ تۇغقانلىرىنى قورقۇتماقچى بولغانلىقى سەۋەبلىك خىتاي دىپلوماتىنى قوغلاپ چىقىرىشىنى تەلەپ قىلدى. ۋەقەدىن كېيىن خىتاينىڭ تورونتودىكى باش كونسۇلخانىسى مۇناسىۋەتلىك باياناتنىڭ پاكىت ئاساسى يوقلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
كانادانىڭ «يەر شارى پوچتا گېزىتى» مەخپىي ھۆججەتلەر ۋە نامسىز مەنبەلەرنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ھەپتە بېيجىڭ دائىرىلىرى مايكېل چۇڭنىڭ خوڭكوڭدا بولۇش ئېھتىمالى بولغان تۇغقانلىرى ھەققىدە ئۇچۇرغا ئېرىشمەكچى بولۇۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇنىڭدىكى مەقسىتى «باشقىلارنىڭ خىتايغا قارشى پوزىتسىيە ۋە مەيداندا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
بىلدۈرۈلۈشىچە، كانادا پارلامېنتى مايكېل چۇڭ 2021-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپنى ماقۇللاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاي شۇنىڭدىن كېيىنلا مايكېل چۇڭغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. خىتاي ئاخبارات ئورگانلىرىمۇ مايكېل چۇڭنىڭ تۇغقانلىرىغا تەھدىت سالغان.
كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو چارشەنبە كۈنى يېڭى بۇيرۇق ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇيرۇقتا ئەگەر ھەرقانداق پارلامېنت ئەزاسى ياكى ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى كىشىلەرنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇر ئىشەنچلىك بولسۇن ياكى بولمىسۇن كانادا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ھوشيارلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ھۆكۈمەتكە تەھدىت ھەققىدە دوكلات سۇنۇشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خىتاينىڭ تورونتودىكى باش كونسۇلخانىسىنىڭ باياناتچىسى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، كانادادىكى بىر قىسىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە سىياسىيونلارنىڭ مەقسەتلىك ھالدا خىتاي كونسۇلخانا ئەمەلدارلىرىنىڭ كانادا ئاۋام پالاتا ئەزاسىنىڭ تۇغقانلىرىغا تەھدىت سېلىش ۋەقەسىگە قاتناشقانلىقىنى يالغاندىن ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، مۇناسىۋەتلىك بايانلارنىڭ پاكىت ئاساسى يوقلىقىنى، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ