خىتاي بىر يىل ئىچىدە 1 مىليون 200 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ يانفونىنى 11 مىليون قېتىم تەكشۈرگەن

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئاتالمىش «زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق مەزمۇنىدىكى ئۈن-سىن» دېگەن نام بىلەن 50 مىڭ ئۈن-سىن ھۆججىتىنىڭ تىزىملىكىگە ئاساسەن ئۇيغۇرلارنى يانفونلىرىدا ئايەت ساقلىغانلىقى سەۋەبلىك سوراق قىلىش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى بايقىغان.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئورگان تورىنىڭ 4-مايدىكى خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشچە، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تىزىملىكتىكى سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئەدلىيەلىك تەھلىل قىلىش نەتىجىسىدە، 2017-يىلدىن 2018-يىلغىچە بولغان توققۇز ئاي ئىچىدە، ساقچىلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچىدىكى 3 مىليون 500 مىڭ ئاھالىگە تەۋە 1 مىليون 200 مىڭ يانفوننى 11 مىليون قېتىمغا يېقىن ئاختۇرۇپ تەكشۈرگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇۋەققەت دىرېكتورى ۋاڭ سوڭلىيانىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە ئورنىتىلغان كۆزىتىش تېخنىكىسىنى قالايمىقان ئىشلىتىپ، ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىش ۋە ئىجتىمائىي كونترول قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، بەلكى يانفۇنلىرىدا پەقەت قۇرئان ئايەتلىرى ياكى قىرائىتىنى ساقلىغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ساقچىلار تەرىپىدىن سوراق قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى تەدبىر» نامى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە زەربە بېرىش ئۇسۇلىغا قارىتا ئەندىشىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، تەشكىلات يەنە خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى مۈجمەل بولۇپ، خەلقنى خالىغانچە ئەيىبلەپ ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلغانلىقى، سىياسىي، دىنىي ۋە ئىدىيەۋى ھەرىكەت قىلغۇچىلارنى سەۋەبسىز ھالدا ئۆلۈمگە ياكى ئېغىر جىسمانىي جازاغا تارتىۋاتقانلىقىنى ۋە ھەر جەھەتتىن زىيانغا ئۇچرىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى تەخمىنەن 1400 ئۈرۈمچى ئاھالىسىنىڭ يانفونىدا ساقچىلارنىڭ ئاساسلىق تىزىملىكى ۋە كونترولىغا ماس كېلىدىغان 1000 دىن ئارتۇق ھۆججەتنى بايقىغان. بۇ ئارخىپلارنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ (%57) ئاساسەن قۇرئان كەرىم تىلاۋىتىگە ئالاقىدار مەزمۇنلار ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1439 قېتىم كۆرۈلدى
05/05/2023 17:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق