تەشكىلاتلار بىرلىكى مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇش تارقاتتى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى مۇھاجرەتتە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتاينىڭ ھەرخىل تۇزاقلىرىدىن ئاگاھ بولۇپ، بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقاتتى.

ئۇقتۇرۇشتا خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ چەت ئەللەردە بىخەتەر ۋە خاتىرجەم ياشاش مۇھىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن، ھەرخىل كۈچ ۋە ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىۋاتقانلىقى، يېقىنقى بىر قانچە يىلدا ماراكەش ۋە باشقا دۆلەتلەردە خىتاينىڭ سۇيىقەستى بىلەن تۇتۇلغان ۋە خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالى كۆرۈلگەنلىكى، ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى بىخەتەرلىك كودى قويۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ساياھەتلىرىدە قىيىنچىلىق مەسىلىلىرىمۇ ھەل قىلىنىشى كېرەك بولغان بىر مەسىلە ئىكەنلىكى، تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى، تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئۈچىنچى بىر دۆلەتنىڭ پۇقرالىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىپ بولغاندىن كېيىن خاتىرجەم ۋە بىخەتەر ھالدا خەلقئارالىق سەپەر قىلىشى، ئۆزى ۋە مىللەتكە پايدىلىق خىزمەتلەرنى قىلىشى، شۇنداقلا ئۆمرە ۋە ھەج ئىبادىتى ۋە باشقا مەقسەتلەردىكى ساياھەتلەرگە بىمالال بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى، شۇ ئۈمىد ۋە نىشان بىلەن كۆپ تەرەپلىك ۋە ئەتراپلىق خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئاگاھلاندۇرۇش ئۇقتۇرۇشىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكىنى چىقىش قىلىپ تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىنى تەكىتلىگەن:

1. خىتاينىڭ خەلقئارالىق ساقچى تەشكىلاتى ياكى دۆلەتلەر بىلەن بىۋاسىتە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئارقىلىق تۇتۇش، قايتۇرۇپ كېتىش ۋە باشقا زىيانكەشلىكلەرنى قىلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولغانلىقى سەۋەبلىك خىتاي پاسپورتى بىلەن خەلقئارالىق سەپەر قىلماسلىق.

2. تۈركىيەدە كود قويۇلغان ياكى قانۇنىي جەھەتتە مەھكىمە داۋام قىلىۋاتقان شەخسلەرنىڭ خەلقئارالىق سەپەر قىلماسلىقى، بۇ شەخسلەر تۈركىيەگە قايتىپ كىرىشى چەكلىنىدىغان تۈرگە تەۋە بولغانلىقى ئۈچۈن، تۈركىيە تاموژنىسىدا ھەرخىل قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان. يېقىنقى بىر نەچچە ئايدا خىتاي پاسپورتى بىلەن داۋا باسقۇچلىرى داۋام قىلىۋاتقان ياكى بىخەتەرلىك كودى بولغان ياكى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش قارارى بار بولغان شەخسلەر ئۆمرە ھەج ئىبادىتى ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بارغاندىن كېيىن، قايتىش جەريانىدا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ئەھۋاللار كۆرۈلگەن. تۈركىيەنىڭ كۆچمەنلەر قانۇنى بويىچە ئىجرا قىلىنىدىغان بەزى چەكلىمىلەر سەۋەبلىك بىخەتەرلىك نۇقتىسىدىن قىيىنچىلىققا ئۇچرىماسلىق ئۈچۈن، بۇ خىل ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەسىلىلىرى ھەل بولغانغا قەدەر سەپەر قىلماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

3. بىخەتەر بولمىغان دۆلەتلەرگە بارماسلىق ياكى ياۋروپاغا كۆچۈش ئۈچۈن بىخەتەر بولمىغان ئۇسۇللارنى قوللانماسلىق.

ئاگاھلاندۇرۇش ئۇقتۇرۇشنىڭ ئاخىردا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى كۈچلۈك ۋە بىخەتەر شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرەت جەمئىيىتىنىڭ بەرپا بولۇشى ئۈچۈن، تۈركىيە ئىچى ۋە سىرتىدا بارلىق ئىمكانىيەتلىرى بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى، خەلقىمىزنىڭ بارلىق قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن ۋاقىتتا خەلقىمىزنىڭ ئاڭلىق ھالدا بىخەتەرلىكىنى قوغدىشى، قانۇنىي تەرتىپلەرگە رىئايە قىلىشىنى،  ئېھتىياتچانلىق بىلەن پائالىيەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 965 قېتىم كۆرۈلدى
04/05/2023 18:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق