ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانى ئۈچ چوڭ كۈچ قارشىلىشىۋاتقان دۇنيانى خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ جۇغراپىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەربىي ئىتتىپاقتىن ساقلىنىشقا ئاگاھلاندۇردى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئارمىيەسى 2022-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشتىن ئىلگىرى، رۇسىيەنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇمىدا ئۇكرائىنانىڭ قارشىلىق كۈچى تېزلا يىمىرىلىدۇ دەپ قارالغان. ئەينى ۋاقىتتا، ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ رەئىسى، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىشتاب باشلىقى بىرلەشمە كېڭەش باشلىقى مارك مىللېي كىيېۋنىڭ 72 سائەت ئىچىدە ئىشغال قىلىنىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، گېنېرال مارك مىللېي بۇ مەسىلىدە باشقىچە قاراشتا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ يېقىندا ئامېرىكا «تاشقى ئىشلار» ژۇرنىلىنىڭ تاشقى ئىشلار پىروگراممىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان. ئۇ پىروگراممىدا ئامېرىكا تەمىنلىگەن ھەربىي ياردەمنىڭ كۈچى بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ھۇجۇم ۋە مۇداپىئە ئىقتىدارىنىڭ بىر يىل ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا زور دەرىجىدە ياخشىلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «بارلىق ئۇرۇشلار بالدۇر ياكى كېيىن بولسۇن ھامان ئاخىرلىشىدۇ، مۇھىم مەسىلە ئۇنىڭ قانداق ئاخىرلىشىشىدا» دەپ سوئال قويغان.
مارك مىللېي پىروگراممىدا رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچەۋاتقان قويۇق مۇناسىۋىتى ھەققىدە سورالغان سوئالغا جاۋاب بېرىپ، بۈگۈن دۇنيادا ئامېرىكا، خىتاي ۋە رۇسىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتنىڭ بارلىقىنى، بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ نوپۇس، ئىقتىساد ۋە ئارمىيە قاتارلىق جەھەتلەردە يوشۇرۇن كۈچى زور، يادرو قوراللىرى بار ئىكەنلىكىنى، ئەگەر رۇسىيە بىلەن خىتاي پىشىپ يېتىلگەن كۈچلۈك جۇغراپىيەلىك سىياسىي ئىتتىپاق قۇرۇپ قالسا ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى، ئامېرىكا چوقۇم ھوشيارلىقنى ساقلاپ كۈچىنىڭ يېتىشىچە بۇ ئىشنىڭ يۈز بەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ئېھتىياتچانلىق بىلەن خىتاي -رۇسىيەنى ھەربىي جەھەتتىن يېقىنلاشتۇرماسلىق، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئامېرىكىغا قارشى جۇغراپىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك، سىياسىي ۋە ھەربىي ئىتتىپاق تۈزمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك ئىكەن. نۆۋەتتە خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنىڭ بەزى ئالامەتلىرى تەرەپلەرنى ئەندىشىگە سالماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ