خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا يىللاردىن بېرى ئىزچىل داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش« ۋە «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش« تېررور سىياسىتى ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىش رەزىل مەقسىتىدە، 1-ماي ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيەسىدە ئاتالمىش «تاڭئەنشى تۇتۇق بەگ مەدەنىيەت باغچىسى«نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەن.
ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 2-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رېجىمى مەزكۇر ئېچىلىش مۇراسىمىدا تۈرلۈك پائالىيەت ۋە نومۇرلارنى كۆرسەتكەن بولۇپ، مۇراسىمدا خىتاي ئەمەلدارلىرى سۆز قىلىپ، ئاتالمىش «تاڭئەنشى تۇتۇق بەگ مەدەنىيەت باغچىسى«نى ئاتالمىش «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» ئىستراتېگىيەسىنى ئەتراپلىق يولغا قويۇش مەقسىتىدە قۇرۇپ چىققانلىقىنى ئاشكارا تىلغا ئالغان.
مەزكۇر پائالىيەت ئۈچ كۈن داۋاملاشقان بولۇپ، خەۋەرگە قىستۇرۇلغان سۈرەتلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇراسىمدا ئۇيغۇر قىز-ئوغۇللىرىغا خىتايچە كىيىم كىيدۈرۈلگەن. پائالىيەت جەريانىدا ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش، مەشرەپ، چېلىشىش قاتارلىق ئويۇنلار كۆرسىتىلگەن. بىلدۈرلۈشىچە، مەزكۇر ئورۇندا تۈرلۈك ئالاھىدە تۈرلەر يولغا قويۇلۇپ، ساياھەتچىلەرگە ئاتالمىش «تاڭ سۇلالىسىنىڭ غەربىي رايوننى قانداق قوغدىغانلىقى» سەپسەتىسى تەشۋىق قىلىنىدىكەن.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش«، »جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش«، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» قاتارلىق ناملار بىلەن، شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى كۈچەپ ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەرخىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى توختىتىشقا مەجبۇرلىغۇدەك ئەمەلىي ھەرىكىتى بولمىغانلىقى سەۋەبلىك، خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ