ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا مالايشىيا ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاينىڭ خۇاۋېي ئالاقە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتىشنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە چەتئەل مەبلىغىگە خەتەر ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 3-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكىنىڭ مالايشىيادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى ئالدىنقى ئاي مالايشىيا ھۆكۈمىتىگە مەكتۇپ يېزىپ، مالايشىيا ھۆكۈمىتى ئېرىكسون شىركىتى بىلەن تۈزگەن دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى G5 تورىنى قۇرۇپ چىقىش توختامىنى قايتا قاراپ چىقىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەندىشىسىنى بىلدۈرگەن. مالايشىيانىڭ بۇ تۈرگە سالماقچى بولغان G5 تورى قۇرۇلۇشى مەبلىغى 2 مىليارد 500 مىليون دوللارغا يېتىدىكەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتى مالايشىيانىڭ G5 تورى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان. نۆۋەتتە خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتى بۇ توختامدىكى ئەڭ كۈچلۈك رىقابەتچىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، مالايشىيا ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا ئوتتۇرىغا قويغان خۇاۋېيغا بولغان بىخەتەرلىك ئەندىشىسىنى رەت قىلغان.
ئامېرىكىنىڭ مالايشىيادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى برايىن مەكفېتېرس مالايشىيا ھۆكۈمىتىگە ئەۋەتكەن مەكتۇبىدا: «ۋاشىنگىتون يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى مېنىڭ بۇ ھەقتە ئوتتۇرىغا قويغان ھازىرقى مودېلنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ يېڭى كەسىپلەرنىڭ رىقابەت كۈچىگە زىيان سالىدىغانلىقى ۋە مالايشىيادىكى G5 تورى تەرەققىياتىنى كېچىكتۈرىدىغانلىقى، مالايشىيانىڭ خەلقئارا سودىدا قولاي دۆلەت ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت كۆز-قارىشىمغا قوشۇلدى» دېيىلگەن.
برايىن مەكفېتېرس تەكىتلەپ: «ئىشەنچسىز تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ G5 تورىنىڭ ھەر قانداق تۈرىگە قاتنىشىشىغا يول قويۇش مالايشىيانىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى دۆلەت بىخەتەرلىك خەۋپىگە دۇچار قىلىدۇ» دېگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ