ئانىنىڭ ئەھمىيىتى

ئىبنى ھەنبەل مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئون ياش ۋاقتىمدا ئاپام ھەر كۈنى بامدات نامىزىدىن بۇرۇن ئورنىدىن تۇرۇپ، سۇ ئىسسىتىپ، تاھارەت ئالدۇرۇپ، كىيىملىرىمنى كىيدۈرەتتى. ئاندىن مېنى مەسچىتكە ئاپىرىپ، ئۇستازغا تاپشۇراتتى. ئۇ مېنى مۇشۇ تەرىقىدە قارى قىلدى».

ئانىلار شۇنى بىلىشى كېرەككى، ئەگەر ئۇلار ئۆزىنى بېغىشلىسا، بالىلىرىمۇ قەھرىمان بولىدۇ.

بىزلەر كەلگۈسى ھەققىدە كېچە-كۈندۈز باش قاتۇرۇپ كېتىدىغان بالىلىرىمىز: «بالدۇر ئۇخلاڭ بالام، ئەتىگەندە مەكتەپكە بارىسىز» ئەمەس، «بالدۇر ئۇخلاڭ، بامدات نامىزىغا تۇرىسىز» دېگەن سۆزلەر بىلەن چوڭ بولسا، ئۇلار ئاخىرەتنىڭ بۇ دۇنيادىن مۇھىم ۋە ياخشى ئىكەنلىكىدەك ئاڭ بىلەن چوڭ بولىدۇ.

نامازنى ھەرقانداق نەرسىدىن مۇھىم دەپ قارايدىغان بالىنىڭ ئاقىۋىتىمۇ ئاللاھ نېسىپ قىلسا خەيرلىك بولىدۇ.

ئانىلىق بولسا ئاياللار يەر يۈزىدە ئېرىشەلەيدىغان ئەڭ يۇقىرى مەرتىۋە ۋە ماقامدۇر.

دېمەك، بارلىق ھېسابلار مانا بۇ ئاساسلىق ۋەزىپىنى ئورۇنلاش ئاساسىغا قۇرۇلۇشى كېرەك.

سەۋرسىزلىك، بوشاڭلىق ئەمەس، سۇنماس ئىرادە ۋە قەيسەرلىك ئوزۇقىڭىز بولسۇنكى، شۇندىلا ساھابىلەرنى ئۈلگە قىلالايدىغان ئەۋلادلارنى تەربىيەلىگەيسىز.

ئاتا-ئانا بولۇش ھەمىشە بالىنىڭ دېگىنىنى قىلىش ۋە ئۇنى خۇشال قىلىش ئەمەس، ئۇنى ھاياتقا تەييارلاشتۇر.

بالىلىرىمىزنى يەتتە ياش ۋاقتىدا ناماز بىلەن ئۇچراشتۇرۇش ھەممىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. «بالىلارغا ناماز ئوقۇ» دېيىشتىن بۇرۇن، نېمە ئۈچۈن ناماز ئوقۇشى كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈشىمىز كېرەك.

ناماز ئوقۇتۇشتىن ئىلگىرى، ئۇنى سۆيدۈرۈشنى مەقسەت قىلىشىمىز كېرەك.

ئەگەر ياخشى كۆرسە، ئىككى قولى قاندا بولغان تەقدىردىمۇ ئوقۇيدۇ. رەببىم ھەممىمىزگە نېسىپ قىلسۇن.

مۇسۇلمان ئانىنىڭ مەسئۇلىيىتى ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر. ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ مەجبۇرىيىتى بالىسىنىڭ ياخشى ئادەم ۋە مۇسۇلمان بولۇپ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتۇر.

شۇڭا بالىلىرىڭىزغا ۋاقىت چىقىرىڭ.

بالىلىرىڭىزنىڭ قانداق بولۇشىنى ئارزۇ قىلسىڭىز، سىزمۇ شۇنداق ياشاڭ.

ھاياتىڭىزدا ئىسلام ياشناپ تۇرسۇنكى، شۇندىلا بالىڭىزمۇ مۇسۇلمان بولۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشىمىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالىسۇن.

بالىلىرىڭىزغا قۇرئان ئۆگىتىڭ.

قۇرئان ئۇلارغا ھەممىنى ئۆگىتىدۇ.

مەدەنىيەتنىڭ خاراب قىلىنىشى ئالدى بىلەن زېھىنلەردە باشلاندى. بۇ سەۋەبتىن ئالدى بىلەن يېڭى مەدەنىيەت ئۈچۈن، زېھىنلەرنىڭ ئەھيا قىلىنىشى ۋە روھىي بۇلغىنىشنىڭ ئالدى ئېلىنىشى تولىمۇ مۇھىم.

ئانا بولۇش دېگەنلىك ئاخىرقى پەيتكىچە رەببىنىڭ رازىلىقى ۋە پەرزەنتىنىڭ جەننىتىنى ئويلاش دېمەكتۇر.

 

ئى. ئۆتكۈر تەرجىمىسى

بۇ خەۋەر 1546 قېتىم كۆرۈلدى
04/05/2023 17:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق