ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغان خىتاينىڭ توردا پارچە سېتىش شىركىتى Shein نى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ توردا مودا كىيىم-كېچەكلەرنى پارچە سېتىش شىركىتى Shein پېيىنى تۇنجى ئاشكارا تارقىتىشنى ئويلاشقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى ئاكسىيە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنى Shein نىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچىنى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشنى تەلەپ قىلغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ 20 دىن ئارتۇق پارلامېنت ئەزاسى مەجبۇرى ئەمگەك ھەققىدىكى دوكلاتنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئامېرىكا ئاكسىيە سودا كومىتېت باشلىقىنى ھەرىكەتكە كېلىشكە چاقىرغان ھەمدە ئۇنىڭدىن تېز سۈرئەتتە كېڭىيىۋاتقان خىتاي ئېتىبار كىيىم-كېچەك شىركىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان پاختىنى ئىشلەتكەنلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.
پارلامېنت ئەزالىرى 1-ماي ئاكسىيە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ باشلىقىغا ئەۋەتكەن مەكتۇبىدا: « Sheinشىددەت بىلەن مەبلەغ توپلاپ، يىل ئاخىرىغىچە دەسلەپكى ئاشكارا تارقىتىشنى پىلانلىماقتا، بىز سىزدىن بەلگىلىمە چىقىرىپ، شېيىننىڭ ئامېرىكىدا تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋە ئاكسىيە بىلەن تەمىنلەشنىڭ شەرتى سۈپىتىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتىنى ئىشلەتمىگەنلىكىنى دەلىللەشكە مەجبۇرلىشىڭىزنى سورايمىز» دېيىلگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، Shein نىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، شىركەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەمىنلىگۈچىلىرى يوقلۇقىنى، شىركەت مەھسۇلاتلىرى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە: «بىز تەمىنلەش زەنجىرىمىزدىكى ئېنىقلىققا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىمىز، بىز كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىمىز، بىز تىجارەت قىلىۋاتقان ھەر قانداق بازارنىڭ قانۇنىغا رىئايە قىلىمىز» دېگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ