ب د ت ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەمىرخان مۇتتەقىنىڭ پاكىستانغا بېرىپ، پاكىستان ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشۈشىگە رۇخسەت قىلدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 2-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەمىرخان مۇتتەقىغا ئۇزۇندىن بۇيان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن ساياھەت چەكلىمىسى، مال-مۈلۈكلىرىنى توڭلىتىش ۋە قورال-ياراق ئېمبارگوسى يولغا قويغان بولۇپ، نۆۋەتتە 15 كىشىلىك بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ تالىبان جازا كومىتېتىغا ئەۋەتىلگەن مەكتۇپقا ئاساسلانغاندا، پاكىستاننىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەمىرخان مۇتتەقىغا ئىجرا قىلىنىۋاتقان جازانى كەچۈرۈم قىلىشنى تەلەپ قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇ 6-مايدىن 9-مايغىچە چېگرادىن چىقىپ، پاكىستان ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە رۇخسەت قىلىنغان.
مەكتۇپتا مەزكۇر ئۈچ تەرەپ مىنىستىرلىرىنىڭ نېمىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان، ئەمما ئەمىرخان مۇتتەقىنىڭ سەپىرىگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق چىقىملارنى پاكىستان ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بىخەتەرلىك كېڭىشى كومىتېتى ئالدىنقى ئايدا ئەمىرخان مۇتتەقىنىڭ ئۆزبېكىستانغا بېرىپ، قوشنا ئافغانىستاندىن كەلگەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ تىنچلىق، بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىق قاتارلىق جىددىي مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش يىغىنىغا قاتنىشىشىغا يول قويغانىدى.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ب د ت نىڭ باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرېس دۈشەنبە كۈنى دوھادا ئافغانىستان توغرىسىدا ئىككى كۈنلۈك يىغىن باشلىغان. ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋەكىللىرى يىغىندا «خەلقئارا جەمئىيەت تالىبان بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ قانداق ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىش مەسىلىسىنى»نى مۇزاكىرە قىلغان. مەزكۇر مۇزاكىرە يىغىنىغا خىتاي، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ھىندىستان، ھىندونوزىيە، ئىران، ياپونىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، نورۋېگىيە، پاكىستان، قاتار، رۇسىيە ، سەئۇدى ئەرەبىستان، تاجىكىستان، تۈركىيە، تۈركمەنىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئەنگلىيە، ئامېرىكا، ئۆزبېكىستان، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق دۆلەت ۋە تەشكىلاتلار ئىشتىراك قىلغان. ئەمما تالىبان ھۆكۈمىتى ۋەكىللىرى يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنمىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ئافغانىستان تالىبان ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشنى رەت قىلغان. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئامېرىكا ئەمەلدارى يېقىندا ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسىغا: «بۇ ئۇچرىشىشنىڭ مەقسىتى ھەرگىزمۇ تالىبان ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئەمەس، يىغىندا تالىبان ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلىش توغرىسىدىكى ھەر قانداق مۇلاھىزە قوبۇل قىلىنمايدۇ» دېگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ