شەرقىي تۈركىستانغا جايلاشقان تەكلىماكان قۇملۇقىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا، 8591 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا يۇقىرى مەھسۇلاتلىق نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسى بايقالغان.
بېيجىڭ گېزىتىنىڭ 2-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستانغا جايلاشقان تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى شۈنبېي نېفىت-تەبىئىي گاز رايونىدىكى يانتۇ 10-نومۇرلۇق قۇدۇقىدىكى قىدىرىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا، 8591 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا يۇقىرى مەھسۇلاتلىق نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسى بايقالغان. دەسلەپكى سىناقتا كۈندىلىك تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 600 مىڭ كۇب مېتىردىن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.
خىتاي نېفىت خىمىيە غەربىي شىمال نېفىتلىكى چارلاش ۋە تەرەققىيات تەتقىقات ئورنىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىم بۆسۈش ھاسىل قىلىنغان شۈنبېي 10X يانتۇ قۇدۇق 10-نومۇرلۇق كاشىلا رايونىدىكى تۇنجى نۇقتىلىق ئالدىن تەكشۈرۈلگەن قۇدۇق بولۇپ، بۇ ساھەدىكى بۆسۈش شۈنبېي نېفىت ۋە تەبىئىي گاز رايونى ئوتتۇرا قىسمىدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گازنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن موللىقىنى ئىسپاتلىغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر قۇدۇق شايار ناھىيەسى تەۋەلىكىدىكى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بولۇپ، «شېندى 1-نومۇر» شۈنبېي نېفىتلىكىدىكى 18 نېفىت ۋە تەبىئىي گاز رايونى ئىچىدىكى 10-نومۇرلۇق تۇنجى قۇدۇق ئىكەن. 143 كۈنلۈك بۇرغىلاش مەشغۇلاتى ئارقىلىق بۇرغىلاش چوڭقۇرلۇقى لايىھەلەنگەن بويىچە 8591 مېتىرغا يەتكەن.
خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بېرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى ئۈزلۈكسىز بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ كېلىۋاتقىنىدەك، يېقىنقى يىللاردىن بىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر خىل تەبىئىي بايلىقىنى زور كۈچ بىلەن تالان-تاراج قىلماقتا.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىققان بايلىقلارنى پەقەتلا خىتاينىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى، يەرلىك خەلقنىڭ ھېچقانداق مەنپەئەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نامراتلىق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندا ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ماس ھالدا، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ