خىتاي يەر تەۋرەش ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىش تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2-ماي كېچە ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 12:49 دە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا شەھىرىدە (شىمالىي كەڭلىك 42.13 گىرادوس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 83.28 گىرادۇس) 3.1 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەركىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 20 كىلومېتىر ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
خىتاي رېجىمى دائىمقىدەكلا ئاپەت ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ