خىتايدىن قاچقان مىلياردېر ما يۈن ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا باشلىدى

خىتايدىكى ئېلېكترونلۇق سودا ماگناتى ئەلى بابانىڭ قۇرغۇچىسى ما يۈن خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنى تەنقىد قىلغاندىن كېيىن ئۇزۇن ئاۋارىچىلىق، نەزەربەند ۋە ئېغىر جازالاردىن كېيىن خىتايدىن قېچىپ چىقىپ، ياپونىيەدە پاناھلانغان بولۇپ، دۇنياغا تونۇلۇشتىن بۇرۇنقى خىزمىتى بولغان ئوقۇتقۇچىلىقنى باشلىغان.

سۆزچى گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، چەتئەللەردە «جېك ما» دەپ تونۇلغان ما يۈن خىتاي رېجىمىنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچراپ، خىتايدىن قېچىپ چىققاندىن كېيىن، نۆۋەتتە ياپونىيە توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زىيارەتچى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىش باشلىغان.

توكيو ئۇنۋېرسىتىتى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ما يۈننىڭ ئۇنىۋېرسىتېت ئىچىدىكى بىر ئىنستىتۇت بولغان توكيو ئىنىستىتۇتىدىكى چوڭ تەتقىقاتلارنى قوللايدىغانلىقى، مەسلىھەت بېرىدىغانلىقى، تەتقىقات ۋە تۈرلەرگە قاتنىشىدىغانلىقى، بولۇپمۇ سىجىل دېھقانچىلىق ۋە يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىگە قاتنىشىدىغانلىقى، ھەمدە ئىگىلىك تىكلەش، شىركەت باشقۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى تەجرىبە ۋە بىلىملىرىنى ئوقۇغۇچىلارغا سۇنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ما يۈن ئىلگىرى خىتايدىكى ئەڭ باي كىشى بولۇپ باھالانغان بولۇپ، ئۇنىڭ بايلىقى 2020-يىلى ئۆكتەبىردە 61 مىليارد دوللارغا چىققاندىن كېيىن تۆۋەنلەشكە باشلىغان. بۈگۈنكى كۈندە مايۈن دۇنيادىكى ئەڭ باي كىشىلەر ئىچىدە 39-ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتىكى بايلىقى 33 مىليارد دوللار ئىكەن.

1964-يىلى خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى خاڭجۇدا تۇغۇلغان ما يۈن شۇ ئۆلكىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ئىنستىتۇتىدا ئىنگلىز تىلى فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەنىدى.

1995-يىلى ما يۈن ئامېرىكىنىڭ سېئاتىلغا بېرىپ، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ تەرجىمانى بولۇپ ئىشلىگەن ۋە ئۇ يەردە تور ساھەسىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتكەن ۋە خىتايغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تور سودىسىغا يۈزلەنگەن.

2020-يىلى نويابىردا ما يۈن ئىقتىساد تېخنىكا شىركىتى چۈمۈلە گۇرۇھىنىڭ 37 مىليارد دوللارلىق رېكورت سەۋىيەدىكى پايچەكنى بازارغا سېلىش ئالدىدا كوممۇنسىت رېجىمىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگانلىرىنى تەنقىد قىلىپ قويۇشى بىلەن پۈتۈن ئىشلار ئۆزگەرگەن ۋە مەزكۇر نۇتۇقتىن كېيىن، خىتاي رېجىمى چۈمۈلە گۇرۇھىنىڭ پائالىيىتىنى ۋاقتىنچە توختاتقان ۋە ئېلېكترونلۇق سودا شىركىتى ئەلى باباغا رىقابەت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن زور سوممىلىق جەرىمانە قويۇلغان.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1341 قېتىم كۆرۈلدى
02/05/2023 18:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق