خىتاي موڭغۇلىيەگە كۆز تىكمەكتە

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ بېيجىڭنى زىيارەت قىلغان موڭغۇلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باتتسېتسېگ باتمونخ بىلەن كۆرۈشكەندە ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، چىن گاڭ باتتسېتسېگ باتمونخ بىلەن كۆرۈشكەندە، بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسىغا ئاساسەن، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ شىمالىي قوشنىسى موڭغۇلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيىلىك ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك نەزەر بىلەن باھالىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۆزئارا سىياسىي ئىشەنچنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

چىن گاڭ ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسى ئوتتۇرىسىدا ماسلىشىشنىڭ بولۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينىڭ ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ۋە موڭغۇلىيەنىڭ «بوزقىر كارىدورى» دائىرىسىدىكى تۈرلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

موڭغۇلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باتمونخ ئۆزلىرىنىڭ خىتاي بىلەن دوستانە، مۇقىم ۋە سىغدۇرۇشچان ھەمكارلىقنى دىپلوماتىك مۇھىم ئىش، دەپ قارايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، پرېزىدېنت شى جىنپىڭنىڭ دۇنياۋى تەرەققىيات، بىخەتەرلىك ۋە مەدەنىيەت تەشەببۇسىنى قەدىرلەيدىغانلىقىنى ۋە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىككى تەرەپ يەنە قۇم-بورانغا قارشى تۇرۇش ۋە سىجىل تەرەققىيات ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغان.

موڭغۇلىيە خىتاي، شىمالىي ئاسىيا ۋە سىبىرىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيىلىك ئورنى بىلەن رايون سودا يولىنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىغا جايلاشقان. خىتاي ئاتالمىش بىر «بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئارقىلىق تارىختىكى يىپەك يولى لىنىيىسىدىكى قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرى بىلەن شەرق-غەرب سودىسىنى جانلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى داۋراڭ سېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇزۇن مۇددەتتە پەقەتلا خىتاينىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن نەتىجىلىنىۋاتقانلىقى ۋە رايون دۆلەتلىرىنى قەرزگە بوغۇش تاكتىكىسى بىلەن مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ مۇھىم ئۇل-ئەسلىھەلىرىنى قولغا كىرگۈزۈۋاتقانلىقى ئۇزۇندىن بۇيان تالاش-تارتىشتىكى مەسىلە بولۇپ كەلمەكتە ۋە غەرب ھەرقايسى دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ تۇزىقىغا چۈشمەسلىك ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ كەلمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 657 قېتىم كۆرۈلدى
02/05/2023 18:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق