خىتاي سىياسىي كونترولنى تېخىمۇ ئاشۇرغان بولۇپ، خەلقنىڭ چېگرادىن چىقىش چەكلىمىسى كۈچەيتىلمەكتە.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رېجىمى ئۈچ يىل خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى سەۋەبلىك قاتتىق چەكلىمىلەرنى يولغا قويغاندىن كېيىن، گەرچە چەتئەل مەبلەغ سالغۇچىلىرىغا چېگرانى ئاچىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما يېڭى تەتقىقات دوكلاتىدا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي بىر قىسىم چەتئەل سودا باشقۇرغۇچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلەرنىڭ چېگرادىن چىقىشىنى چەكلەشنى كۈچەيتكەن.
«مۇھاپىزەتچىلەر گېزىتى»نىڭ دوكلاتىدا دېيىلىشىچە، شى جىنپىڭ 2012-يىلى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان، خىتاي چېگرادىن چىقىشنى چەكلەش قانۇن دائىرىسىنى كېڭەيتكەن، ھەتتا بەزىدە يوللۇق قانۇنىي دائىرىدىن چىقىرىۋەتكەن.
«مۇھاپىزەتچىلەر گېزىتى» نىڭ تەشۋىقات دېرىكتورى لاۋرا ھارتنىڭ ئېيتىشىچە، 2018-يىلدىن بۇ يىل 7-ئايغىچە كۈچكە ئىگە بولغان قانۇن بىلەن قوشقاندا، بەش خىل يېڭى قانۇن ياكى ئەسلىدىكى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئورگانلارنىڭ چېگرادىن چىقىشنى چەكلىشىگە يول ئاچقان. ھازىرغا قەدەر، بۇ ھەقتە يولغا قويۇلغان مۇناسىۋەتلىك قانۇن 15 تۈرلۈك ئىكەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىكى چەكلەش خاتىرىسىنى تەھلىل قىلىشىچە، 2016-يىلدىن 2022-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا، خەلقنىڭ چەتكە چىقىشىنى چەكلەشكە مۇناسىۋەتلىك دېلولار سەككىز ھەسسە ئاشقان.
سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىكى چېگرادىن چىقىش چەكلىمىسىگە چېتىشلىق دېلولارنىڭ كۆپىنچىسى ھەق تەلەپ ۋە جىنايى ئىشلار دېلوسى ئەمەس ئىكەن.
Maxwise گۇرۇھىنىڭ ئېيتىشىچە، دائىرىلەر مارت ئېيىنىڭ ئاخىرىدا مەزكۇر شىركەتنىڭ خىتايدىكى ئىشخانىلىرىغا بېسىپ كىرىپ، يەرلىك بەش خىزمەتچىنى قولغا ئالغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆز ۋاقتىدا Maxwise گۇرۇھىنىڭ قانۇنسىز سودا پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان دەپ گۇمان قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان. ئامېرىكا ئىستراتېگىيە شىركىتى «Bain & Co» ئالدىنقى ھەپتە يەرلىك ساقچىلارنىڭ خىتايدىكى ئىشخانىلىرىنى زىيارەت قىلىپ خىزمەتچىلەردىن سوئال سورىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ