ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەت قاتارىغا كىرگۈزدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومىتېتى 2023-يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان 17 دۆلەتنى ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزگەن بولۇپ، ئۇندىن باشقا 11 دۆلەتنى «ئالاھىدە كۆزىتىش تىزىملىكى»گە كىرگۈزگەن.
مەزكۇر كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كوپېر 1-مايدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى دىنىي ئەركىنلىكنى باستۇرۇش قىلمىشىدىن قاتتىق چۆچۈپ كەتتىم» دېگەن. ئۇ پارلامېنتنىڭ خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى يامان غەرەزلىك تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئالاقىدار قانۇنلارنى ماقۇللىشىنى تەۋسىيە قىلغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، مەزكۇر دوكلاتتا 17 دۆلەت ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەت قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، خىتايمۇ يەنە بۇ تىزىملىكتە ئورۇن ئالغان.
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى دۈشەنبە كۈنى توردىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئېيتىشىچە، 2023-يىللىق يىللىق دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان دۆلەت 28 بولۇپ، بۇ كومىتېت 2022-يىلى خەلقئارادىكى دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالىغا ئاساسەن 17 دۆلەتنى «ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەتلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى تەۋسىيە قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە 12 دۆلەت 2022-يىلى 11-ئايدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن «ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەتلەر» قىلىپ بېكىتىلگەن.
ئۇ سۆزىدە يەنە «ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەتلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن 12 دۆلەت بولغان بېرما، خىتاي، كۇبا، ئېرىترېيە، ئىران، نىكاراگۇئا، شىمالىي كورېيە، پاكىستان، رۇسىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستان قاتارلىقلار دۆلەتلەرنىڭ بۇ يىل ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، «ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەتلەر» قاتارىغا قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابراھام پېركو دوكلات بېرىش يىغىنىدا: «بۈگۈن تىلغا ئېلىنغان دۆلەتلەردە دۇنيا بويىچە دىنىي ئەركىنلىك داۋاملىق ئېغىر خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ باشلامچىسى» دېگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە: «بۇ دوكلاتتا خاتىرىلەنگەن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش دائىرىسى ۋە كۆلىمى كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ» دەپ تەكىتلىگەن ۋە سۆزىنىڭ ئاخىرىدا خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىككە دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ