4-ئايدا خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتىنىڭ دائىرە ۋە كۆلىمى تۇيۇقسىز تارايغان بولۇپ، خىتاي رېجىمىنىڭ ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 1-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يەر شارى ئېھتىياجى ۋە ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ كاساتلىشىشى خىتاي ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، خىتاينىڭ رەسمىي سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى 4-ئايدا ئويلىمىغان يەردىن تارىيىپ كەتكەن بولۇپ، خىتاي ۋىرۇسىنىڭ تەسىرى ھېلىھەم تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەرگە بېسىم پەيدا قىلغان.
خىتاي ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ 4-ئايدىكى ياسىمىچىلىق سېتىۋېلىش باشقۇرۇش كۆرسەتكۈچى (PMI) %49.2 بولۇپ، 3-ئايدىكى %51.9 دىن %2.7 تۆۋەنلىگەن. بۇ سانلىق مەلۇمات خىتاينىڭ ئاتالمىش «گۈللىنىش ۋە ئاۋات قىلىش» تۆۋەن سىزىقىدىن تۆۋەنلەپ، خىتاي ياسىمىچىلىقنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئادەتتە PMI دا 50 نى ئىقتىسادىي كۈچنىڭ كېسىش نۇقتىسى قىلىپ ئىشلىتىدىغان بولۇپ، 50 تىن يۇقىرى PMI ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي كېڭىيىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىكەن. 50 دىن تۆۋەن PMI ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي تارىيىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىكەن.
خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ ئاساسلىق قارار چىقىرىش ئورگىنى بولغان مەركىزىي كومىتېتنىڭ سىياسىي ئورگىنى 28-ئاپرېلدىكى يىغىندا: «نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ھەرىكىتى ئاساسلىقى ئەسلىگە كېلىش ئالدىدا تۇرغان بولسىمۇ، يەنىلا ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ تېخى كۈچلۈك ئەمەس، ئېھتىياج يەنىلا يېتەرسىز، ئېھتىياجنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە كېڭىيىشى ئىقتىسادنىڭ سىجىل ئېشىشىنىڭ ئاچقۇچى» دېگەنلەر تەكىتلەنگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ