خىتاي گېرمانىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي گېرمانىيەنىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ياساشقا ئېھتىياجلىق خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ خىتايغا ئېكسپورت قىلىنىشىنى چەكلەشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماۋ نىڭ 28-ئاپرېلدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، گېرمانىيەنىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ياساشقا ئېھتىياجلىق خىمىيەلىك ماددىلارنى خىتايغا ئېكسپورت قىلىشنى چەكلىمەكچى بولغانلىقى ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.

ماۋ نىڭ جاۋابىدا گېرمانىيەگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئىقتىسادىي ۋە سودا ھەمكارلىقى بىلەن ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ دۇنيادىكى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ماتېرىيالىنىڭ مۇھىم بازىرى ئىكەنلىكىنى، بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا بولغان تايىنىشنى ئازايتىش نامىدا ھەرىكەت قىلماقچى بولغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ پەقەت باشقىلارغا ۋە ئۆزىگە زىيان سالىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا دۇنيا سانائەت مەھسۇلاتلىرى ۋە تەمىنلەشنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىلۇمبېرگ خەۋەر ئاگېنتلىقى 27-ئاپرېل گېرمانىيە بىرىنچى باسقۇچتا مېرك ۋە BASF قاتارلىق گېرمانىيە خىمىيە شىركەتلىرىنىڭ بىر قىسىم يېرىم ئۆتكۈزگۈچ خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ خىتايغا سېتىلىشىنى چەكلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. گېرمانىيە ئىقتىساد ۋە كىلىماتنى قوغداش مىنىستىرى روبىرت خابېك گېرمانىيەنىڭ تېخنىكا ساھەسىدە خىتايغا بولغان ئېكسپورت چەكلىمىسىنى باھالاش باسقۇچىدا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. خابېك يەنە گېرمانىيەنىڭ تېخنىكا ساھەسىدىكى رەھبەرلىكىنى يوقىتىپ قويماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، گېرمانىيەنىڭ خىتايغا قىلىۋاتقان ئېكسپورت چەكلىمىسىدىكى نىشانىنى ئامېرىكىنىڭ خىتايغا ئۆزەك ئېكسپورت قىلىش چەكلىمىسى بىلەن ئوخشاش دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 469 قېتىم كۆرۈلدى
02/05/2023 17:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق