قازاقىستان خەلقى خىتايلارنىڭ قازاقىستانغا ۋىزىسىز كىرىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي بىلەن قازاقىستان ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىشنى يولغا قويماقچى بولغان بولۇپ، قازاقىستان خەلقى بۇنىڭغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

خىتاي سانائىتىنى چەتئەلدە تەرەققىي قىلدۇرۇش جەمئىيىتى ئورگان تورىنىڭ 29-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستان بىلەن خىتاي ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمى تۈزمەكچى بولغان بولۇپ، قازاقىستان خەلقى بۇ كېلىشىم يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇنلا خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ قازاقىستانغا ئېقىشقا باشلىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇ كېلىشىمگە قاتتىق قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

بۇ ھۆججەتنى قازاقىستاندىكى ئۆلچەملىك قانۇن لايىھەسىنى ئاشكارا مۇنازىرە قىلىش تور بېكىتى 12-ئاپرېل ئېلان قىلغان بولۇپ، ھۆججەتتە تۇرۇش مۇددىتى 30 كۈندىن ئېشىپ كەتمەسلىك شەرتى ئاستىدا، قازاقىستان پۇقرالىرى خىتايغا ۋىزىسىز كىرىشى ۋە خىتاي پۇقرالىرىنىڭمۇ قازاقىستانغا ۋىزىسىز كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.  

كېلىشىم بويىچە ۋىزىسىز كىرگەن ساياھەتچىلەر قارشى تەرەپ زېمىنىغا كىرگەندىن كېيىن 30 كۈن تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىنىدىغان بولۇپ، ئومۇمىي تۇرۇش ۋاقتى 90 كۈندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك ئىكەن. بۇ كېلىشىم 18-مايدا قازاقىستان پىرېزىدېنتنىڭ خىتايغا قىلىدىغان زىيارىتى جەريانىدا رەسمىي ئىمزالىنىدىكەن.

نۆۋەتتە بۇ كېلىشىمگە قارىتا قازاقىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خەلق ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ قازاقىستان ئۈچۈن ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە ۋە كوللېكتىپ ھالدا پىرېزىدېنت قاسىم جومارت توقايوفقا چاقىرىق قىلماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 715 قېتىم كۆرۈلدى
01/05/2023 21:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق