خىتاي شەرقىي تۈركىستان ۋە ئىچكى موڭغۇلىيە قاتارلىق ئىشغالىيەت ئاستىدىكى زېمىنلارنىڭ تۈرلۈك تەبىئىي بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش بىلەن بىرگە، چۆللۈك، قۇملۇقلىرىنى قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە تاختىسى ئېتىزلىقىغا ئايلاندۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىلغان توكنى بىر نەچچە لىنىيە ئارقىلىق خىتايغا توشۇماقتا.
نۆۋەتتە خەلقئارادا قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەلىرى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇشقا باشلىغان بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بۇ ساھەگە داۋاملىق كۆپلەپ مەبلەغ سالماقتا. نۆۋەتتە بۇ ساھەدە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىچكى موڭغۇلىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسىي بازىسىغا ئايلانغان بولۇپ، خىتاي بۇ ساھەگە مەبلەغ سېلىشنى كۈچەيتكەن.
خىتاي ئورگان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى قۇياش ۋە شامال ئېنېرگىيەسى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئەسلىھەلەرنى زور دەرىجىدە كۆپەيتكەن بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتە گوبى چۆلىدىن پايدىلىنىپ، يېشىل ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىشنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق پىلانىنى تاماملىغان. قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە تاختىسى ۋە شامال چاقپىلىكى قاتارلىق ئەسلىھەلەر ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈش ئارقىلىق، ئالدىنقى ھەپتە 1 مىليون 500 مىڭ كىشىنى توك بىلەن تەمىنلەشكە باشلىغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، قۇياش ۋە شامال ئېنېرگىيە تۈرىنىڭ بىرىنچى تۈركۈمدىكى ئەسلىھەلىرى ئىچكى موڭغۇلىيە، تاشقى موڭغۇلىيە ۋە شەرقىي تۈركىستانغا تۇتاشقان، ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ چۆللۈك ھېسابلىنىدىغان گوبى چۆلىنىڭ جەنۇبىدىكى تېڭگېر قۇملۇقىغا قۇرۇلغان. مەزكۇر ئەسلىھەلەر بىلەن يىلىغا 1.5 مىليارد كىلوۋات سائەت ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، قىممىتى 85 مىليارد يۈەن (12 مىليارد 280 مىليون دوللار) بولىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىدا قۇملۇقتىكى قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە تۈرىنى باشلىغان بولۇپ، خىتاي بۇ جەھەتتە چوڭ پىلانى بار دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. ئۇندىن باشقا خىتاي يەنە جەمئىي 19 ئۆلكىنى قاپلىغان قۇرغاق رايونلارغا GW 100 قۇياش ۋە شامال ئېنېرگىيەسى ئەسلىھەلىرىنى ئورنىتىشنى پىلانلىغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ