كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيەلەش» پىلانىنىڭ تىبەتلەرنىڭ كىملىكىگە تەھدىت ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ مەزكۇر پىلانىدا مەجبۇرىي ئەمگەك خەۋپى بارلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئورگان تورىنىڭ 27-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ تىبەتتە يولغا قويغان ئاتالمىش «ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» ۋە «كەسپىي تەربىيەلەش» پىلانىغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» ۋە «كەسپىي تەربىيەلەش» نامىدا تىبەتلەرنىڭ دىنىي، تىل ۋە مەدەنىيەت كىملىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، نازارەت قىلىش ئارقىلىق سىياسىي جەھەتتىن سىڭدۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مۇتەخەسسىسلەر يەنە خىتاينىڭ بۇ پىلانلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەك خەۋپى بارلىقىدىن ئاگاھلاندۇرغان.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي 2015-يىلدىن باشلاپ يۈزمىڭلىغان تىبەتلەرنى ئاتالمىش «ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن» دېگەن نامدا ئەنئەنىۋى يېزا تۇرمۇشىدىن يۆتكەپ، تۆۋەن كىرىملىك ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇرلىغان.
كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» پىلانى خىتاينىڭ ئەمگەك كۈچلىرىنى باشقا رايونلارغا يۆتكەش پىلانىغا قولايلىق يارىتىپ بەرگەنلىكىنى، ئەمما خىتاي ئوتتۇرىغا قويغان بۇ مەركەزلەرنىڭ كىشىلەردە كەسپىي ماھارەت يېتىلدۈرۈشكە ئەمەس، بەلكى ھەربىي تۈزۈم ئاستىدا مەدەنىيەت ۋە سىياسىي جەھەتتىن ئاسسىملياتسىيە قىلىشقا بەكرەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
مۇتەخەسسىسلەر يەنە خىتاينىڭ «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى»گە ئېلىپ كېلىنگەن تىبەتلەرنىڭ تىبەت تىلىنى ئىشلىتىشىنى چەكلىگەنلىكىنى ۋە دىنىي كىملىكىنى ئىزھار قىلىشنى چەكلىگەنلىكىنى، تىبەتلەرنىڭ دىنى ۋە تىلىنىڭ خىتاينىڭ نامراتلىققا قارشى تۇرۇش پىلانىغا توسالغۇ دەپ قارىلىپ چەكلەنگەنلىكىنى بايقىغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ