خەلقئارادا خىتاينىڭ تور كونتروللۇقىغا قارىتا قارشىلىق كۈچەيمەكتە

خىتاي رېجىمىنىڭ تور كونتروللۇقىغا قارشى «خەلقئارادىكى تورداشلار ئىتتىپاقلىشىپ، خىتاينىڭ تور بېرلىن تېمىنى چېقىۋېتەيلى» نامىدا چاقىرىق ئېلان قىلىندى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، «3-ماي دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنى» ھارپىسىدا، «خىتاينىڭ تور بېرلىن تېمىنى چېقىۋېتەيلى» ھەرىكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى چياۋ شىنشىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تورداشلارنى خىتايغا قارشى ئىتتىپاقلىشىشقا، شۇنداقلا ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىدىن بۇ خىل ئېلېكتىرونلۇق تۈرمە تېمىنىڭ زىيىنىنى تولۇق چۈشىنىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئۇ يەنە خىتاي كوممۇنىست رېجىمى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ۋە باشقۇرۇلىدىغان تور مۇداپىئە تېمىغا ئەركىن دۇنياغا قارشى ئۇچۇر ئۇرۇشى ھەمدە ئىنسانىيەتكە قارىتىلغان ئىنتايىن ئېغىر جىنايەت ۋە ئىرقىي ئايرىمىچىلىق جىنايىتى، دەپ ئېنىقلىما بەرگەن. ئۇ يەنە نۆۋەتتە بۇ ھەرىكەتنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى ئۈستىدىن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا ئەرز قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۆتكەن ئىككى ئايدا خىتاينىڭ تور ئۇچۇرلىرى ۋە خەۋەرلىرىنى توسىدىغان چوڭ مۇداپىئە تېمىغا (GFW دەپمۇ ئاتىلىدۇ) قارىتا، چەت ئەلدىكى بىر قىسىم خىتاي دېموكراتچىلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى «خىتاينىڭ تور بېرلىن تېمىنى چېقىپ تاشلايلى» پائالىيەتلىرىنى باشلىغان. بۇ ھەرىكەتنى قوزغىغۇچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي قۇرۇپ چىققان مەزكۇر تور تېمى خىتاي ئىچىدە ياشاۋاتقان تور ئابۇنىتلىرى بىلەن چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئابۇنىتلارنىڭ ئالاقىسىنى ئۈزگەن بولۇپ، خىتاي تەسىس قىلغان «تور بېرلىن تېمى» دەپ ئاتىلىدىغان تور چەكلىمىسى ئېلېكتىرونلۇق تۈرمىگە ئايلانغان.

«خىتاينىڭ تور بېرلىن تېمىنى چېقىۋېتەيلى» ھەرىكىتى تەشەببۇسچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى رەھىمسىزلەرچە مۇستەبىت ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن غايەت زور مەبلەغ سەرپ قىلىپ مۇداپىئە تېمى ياساپ چىققان. خىتاي بۇ خىل رەزىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى 1 مىليارد 400 مىليون كىشىنى تام سىرتىدىكى ئالتە مىلياردتىن ئارتۇق كىشىدىن يىراقلاشتۇرغان. خىتاي بۇ خىل ۋاسىتە ئارقىلىق ئەركىن ۋە دېموكراتىك دۇنيا تۈزۈلمىسىگە قارشى ھەرىكەت قىلىپ، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغان.

خەۋەردە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلق بىلەن چەتئەلدە ياشاۋاتقان خەلقنىڭ ئومۇمىي ئالاقىسىنى چەكلەپ زىيانكەشلىك قىلغانلىقى، شەرقىي تۈركىستاندىن چەتئەلگە ئۇچۇر يەتكۈزگەن كىشىلەرنى 15 يىل قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، كۆپ يىللاردىن بۇيان خىتاي مەزكۇر تور مۇداپىئە سېپىلى تېخنىكىسىنى رۇسىيە، ئىران، بېرما، كامبودژا ۋە باشقا دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ تور مۇداپىئە سېپىلى تېخنىكىسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نورمال تەرتىپىنى قالايمىقان قىلماقتىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 510 قېتىم كۆرۈلدى
01/05/2023 17:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق