ھىندىستان خىتاي-ھىندىستان مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشى چېگرادىكى تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان بىلەن خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى 27-ئاپرېل سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئىككى تەرەپ تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان چېگرادىكى تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئىككى تەرەپ سۆھبەتتىن كېيىن ئايرىم بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ باياناتلىرىنىڭ مەزمۇنى بىر-بىرىگە ئوخشىمىغان. ھىندىستان تەرەپ: «خىتاي-ھىندىستان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش چېگرادىكى تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىشقا باغلىق» دېگەننى تەكىتلىگەن. ئەمما خىتاي تەرەپ بولسا چېگرادىكى ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى جۈمە كۈنى يېڭى دېھلىدا تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنى ئاچقان بولۇپ، يىغىندىن كېيىن ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى راجنات سىنگى بىلەن خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لى شاڭفۇ ئىككى تەرەپلىك سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.
ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېنگى: «ھىندىستان-خىتاي مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى چېگرانىڭ ئومۇمىي تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكى ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. مەۋجۇت كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ ئومۇمىي ئاساسىنى بۇزىدۇ، چېگرا مەسىلىسى تولۇق ھەل قىلىنغاندىن كېيىن ۋەزىيەت تەبىئىيلا پەسكويغا چۈشىدۇ» دەپ تەكىتلىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ھىندىستان خىتاينى 1990-يىلدىن باشلاپ ئىمزالانغان كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىپ، تالاش-تارتىشتىكى چېگرانىڭ ھىندىستان تەرىپىگە تاجاۋۇز قىلدى، دەپ ئەيىبلىگەن. خىتاي بۇ ئەيىبلەشنى رەت قىلىپ، يېڭى دېھلىنى چېگرادىن ھالقىپ كەتتى، دەپ ئەيىبلىگەن.
2020-يىلى يۈز بەرگەن ھىندىستان بىلەن خىتاي ئارمىيەسى ئارىسىدىكى توقۇنۇشتىن بۇيان، ئىككى دۆلەت جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتەلمىگەن. گەرچە 18 قېتىم ھەربىي قوماندان دەرىجىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، بىراق جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتەلمىگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ