يېقىندىن بېرى خىتاي بىلەن فىلىپپىننىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇق تالاش-تارتىشى بارغانچە كۈچەيمەكتە.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يېقىندا فىلىپپىن بىلەن خىتاينىڭ دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتى سوقۇلۇپ كەتكىلى ئازلا قالغان بولۇپ، 28-ئاپرېل خىتاي بۇ ھەقتە فىلىپپىننى جەنۇبىي دېڭىزدىكى تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان رايوندا قەستەن قۇتراتقۇلۇق قىلدى، دەپ ئەيىبلىگەن. فىلىپپىن تەرەپمۇ بۇ ھەقتە خىتايغا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇپ: «ئۆز تەۋەلىكىمىزدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان چارلاش ھەرىكىتى ئىغۋاگەرچىلىك قىلغانلىق بولمايدۇ. بۇ بىزنىڭ داۋام قىلىۋاتقان ھەرىكىتىمىز، ھەمدە قانۇنلۇق ھوقۇقىمىز» دېگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، يەكشەنبە كۈنى ئىككى دۆلەت دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتىنىڭ سوقۇلۇپ كېتىشكە ئاز قېلىش ۋەقەسى سىپراتلى ئارىلىغا يېقىن جايدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدىن بىر كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ فىلىپپىننىڭ پايتەختىدە فىلىپپىن پىرېزىدېنتى فېردىناند ماركوس بىلەن دېڭىز مەسىلىسىدىكى زىددىيەتنى پەسەيتىش مەقسىتىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. فىلىپپىن پىرېزىدېنتى ماركوس ئۇزۇن ئۆتمەي ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بىلەن ئاقسارايدا كۆرۈشۈپ، رايوندىكى جىددىي ۋەزىيەتنى مۇزاكىرە قىلغان.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ۋەقەگە بىۋاسىتە شاھىت بولغان فىلىپپىن كاپىتانىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەتچى پاراخوتى فىلىپپىن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتىنى توسۇۋالغان بولۇپ، ئىككى پاراخوتنىڭ ئارىلىقى 45 مېتىر قالغان.
خىتاي 2016-يىلى دېڭىز تەۋەلىكى ئىگىلىك ھوقۇقى ھەققىدە چىقىرىلغان خەلقئارالىق قارارنىڭ قانۇنىي ئاساسى يوق ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قارارىغا پىسەنت قىلماي، پۈتۈن جەنۇبىي دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى داۋراڭ سېلىپ كەلمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ