خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىندا خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىپ باستۇرۇش قىلمىشى سەۋەبلىك، 40 خىتاي ساقچىسىنى ئەيىبلىگەنلىكىگە ئېتىراز بىلدۈردى.
خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى 26-ئاپرېل بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا «دۆلەت ھالقىپ باستۇرۇش» دېگەننى ئويدۇرۇپ چىقىپ، 40 خىتاي ساقچىسىنى ئەيىبلىگەنلىكىنى دەۋا قىلغان ۋە ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، فېدېراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلىگە ئېتىراز بىلدۈرگەن.
خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى باياناتىدا ئامېرىكىنىڭ «دۆلەت ھالقىپ باستۇرۇش» مەسىلىسىنى ئويدۇرۇپ چىقىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بىلجىرلىغان.
باياناتتا يەنە خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى ئامېرىكا قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىنىڭ خىتاي ج خ ساقچىلىرى، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرىنى ئەرز قىلىشتەك قىلمىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ ئىزچىل رايون سىرتىدىكى باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىن ھالقىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقىنى، «دۆلەت ھالقىپ باستۇرۇش» ھەرىكىتىدە بولغىنى خىتاي ئەمەس، بەلكى ئامېرىكا ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.
ئامېرىكىنىڭ نىيۇيورك شەرقىي رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى 17-ئاپرېل بىرۇكلىندىكى فېدېراتىپ سوت مەھكىمىسىدە ئىككى خىل جىنايى ئىشلار ئەرزىنى ئېلان قىلىپ، 44 خىتاي ساقچىسىنىڭ «دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش» ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقىنى ئەيىبلىگەن بولۇپ، ئۇلار ئىچىدىكى 40 ى خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ساقچىلىرى، ئىككىسى خىتاي تور باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئىكەن. ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىتايلار ئامېرىكا ئىچىدىكى خىتايغا قارشى ھەرىكەت قىلغان ئامېرىكا پۇقرالىرىغا قارشى «دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش» ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ