خىتاي رېجىمى ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جانېت يېلېننىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى سۆھبىتىنىڭ خىتاي ئىچىدە كۆرۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يېلېننىڭ نۇتۇقلىرىنى ھەمبەھرىلىگەن تور بېكەتلەرنىڭ ئۇلىنىشىنى پۈتۈنلەي چەكلىدى.
يېلېن 20-ئاپرېل جون خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىگەن بولۇپ، ئۇ سۆزىدە: «ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقتىسادىي كۈچىگە تايىنىپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ. بىز دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ۋە ھاياتىي كۈچكە تولغان ئىقتىساد بولىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىز قىممەت قارىشىمىزنى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا بولغان ئىشەنچىمىزنى ساقلايمىز. بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، خىتاي بىلەن ئىجابىي ۋە ئادىل ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ئىزدەيمىز» دېگەنىدى.
جۈمە كۈنى ئامېرىكا ئەمەلدارى فوكىس خەۋەرلەر رەقەملىك گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «خىتاينىڭ تېز ئۇچۇر يوللاش ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى ئۈندىدارنىڭ ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ يېلېننىڭ سۆزىگە مۇناسىۋەتلىك يازمىلىرىنى چەكلەپ قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىخانىسى تور بېكىتىدە يېلېننىڭ سۆزىنىڭ ئىنگلىزچە-خىتايچە تەرجىمە نۇسخىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۈندىدار ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ تور بېكىتى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەپ دېتالى ئىچىدىكى تور بېتىنىڭ ئېچىلىشىنى توسۇپ قويغان.
خىتاينىڭ يەنە بىر ئىجتىمائىي ئالاقە دېتالى بولغان ۋېيبومۇ ئەلچىخانىنىڭ تور بېتىگە ئۇلىنىشنى چەكلىگەن. مالىيە مىنىستىرلىقى بۇ ئىشقا ئىنكاس بىلدۈرۈشنى رەت قىلغان.
يېلېن بۇ ھەقتىكى سۆزىدە: «ئامېرىكىنىڭ خىتايغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى بايان قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەت بىخەتەرلىك مەنپەئەتى، ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شېرىكلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن ۋە: «بىز خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرى توغرىسىدىكى ئەندىشىمىزنى خىتايغا ئوچۇق-ئاشكارا يەتكۈزىمىز ۋە مۇھىم مەنپەئەتلىرىمىزنى قوغداشتا ئىككىلەنمەيمىز» دېگەن.
ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا يەنە: «بىزنىڭ بارلىق تاشقى مۇناسىۋەتلىرىمىزگە ئوخشاش، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزدىمۇ دۆلەت بىخەتەرلىكى ھەممىدىن مۇھىم» دېگەنلەرنى ئىلاۋە قىلغان.
خىتاي ئەمەلدارلىرى بولسا يېللېننىڭ سۆزىنى تەنقىد قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئۇقۇمىنى ئومۇملاشتۇرغانلىقى ۋە بۇنىڭ بىلەن ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمىغانلىقى، ئامېرىكىنىڭ خىتاينى باستۇرۇشنى خالايدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر