خىتاي: ئوتتۇرا ئاسىيا گېئوپولىتىكىلىق ئويۇنلارنىڭ مەيدانى بولماسلىقى كېرەك

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ شىئەندە ئۆتكۈزۈلگەن 4-نۆۋەتلىك خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا، رايون دۆلەتلىرىنىڭ چەتئەل كۈچلىرىنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇشى كېرەكلىكىنى دەۋا قىلىپ: «ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلاشقان جاي بولۇشى كېرەك، گېئوپولىتىكىلىق ئويۇن مەيدانى ئەمەس» دېدى.

خىتاي تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ساھىبخانلىق قىلغان باشلىقلار يىغىنىغا قازاقىستان مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇرات نۇرتىلىيۇ، قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جېنبېك قۇلۇبايېف، تاجىكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىراجىدىن مۇخرىددىن، ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بەختىيار سەيدوف ۋە تۈركمەنىستان مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋېپا ھاجىيوف قاتناشقان.

چىن گاڭ سۆزىدە خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاق كەلگۈسىنى ئورتاقلاشقان دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى، دۇنيانىڭ داۋالغۇش ۋە ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، ئۆزئارا مەنپەئەتنى قوغداش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ھەر قانداق باھانە بىلەن رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا قارشى چىقىشىمىز كېرەك. ئوتتۇرا ئاسىيا گېئوپولىتىكىلىق ئويۇنلارنىڭ مەيدانى ئەمەس، بەلكى ئورتاق پايدا ئالىدىغان ھەمكارلىق مەيدانى بولۇشى كېرەك» دەپ جار سالغان.

چىن گاڭ يەنە خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىغا ئوخشاش كۆز قاراش ۋە پوزىتسىيەدە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق خەلقئارالىق تەرەپلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

يىغىندا يەنە ئېلېكتىرونلۇق سودا، يېشىل ۋە رەقەملىك ئىقتىساد ۋە يۇقىرى تېخنىكا قاتارلىق 14 ساھەدىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش ۋە ئاتالمىش «تېررورلۇق، ئاشقۇنلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك»كە قارشى تۇرۇشتا ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇشقا قوشۇلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 771 قېتىم كۆرۈلدى
29/04/2023 14:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق