لى شاڭفۇ: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزالىرى بىلەن بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىغا تەييارمىز

خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لى شاڭفۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزالىرى بىلەن بىخەتەرلىك جەھەتتە ھەمكارلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لى شاڭفۇ ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلىدا ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا سۆز قىلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى مۇزاكىرە قىلىدىغان ئاچقۇچلۇق سۇپا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ۋە: «خىتاي شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزالىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، تەڭپۇڭ، ئۈنۈملۈك ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل بىخەتەرلىك بىناكارلىقىنى بەرپا قىلىشقا تەييار» دېگەن.

ئۇ ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا مۇھىم كېلىشىملەرنىڭ ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، يارىشىشنى ئاساس قىلىش، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش توغرىسىدا ۋەدە بەردى» دەپ، رايون بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغدايدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

لى شاڭفۇ ھىندىستاندىكى يىغىن مەزگىلىدە بېلارۇسىيە، قىرغىزىستان، ھىندىستان، قازاقىستان، تاجىكىستان، رۇسىيە، ئۆزبېكىستان ۋە ئىراننىڭ دۆلەت ۋە خەلقئارا ۋە رايون مۇداپىئە مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، ئىككى تەرەپلىك ۋە ھەربىي مۇناسىۋەت، شۇنداقلا ئورتاق مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 631 قېتىم كۆرۈلدى
29/04/2023 14:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق