27-ئاپرېل ئىستانبۇلنىڭ ئىلگىرىكى ئايرودۇرۇمى ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمى مەيدانىدا تۈركىيەنىڭ «2023-يىللىق ئاۋىياتسىيە، ئالەم ۋە تېخنىكا يەرمەنكىسى» (TEKNOFEST) باشلاندى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىستانبۇل ئاسمىنىدا تۈركىيەنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى ماھارەت كۆرسىتىپ، توختىماي ئۇچۇشقا باشلىدى. بۇ يەرمەنكە 2018-يىلىدىن تارتىپ ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىمقى يەرمەنكە 27-ئاپرېلدىن 1-مايغىچە بەش كۈن داۋاملىشىدىكەن.
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىنىڭ مەسئۇلى ۋە باش تېخنىك ئىنژېنېر سەلچۇق بايراقدار ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ: «بىز ھەر خىل قورال - ياراغ، قوراللىق ئادەمسىز ئۇچقۇ (SİHA) قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقارساق ئىچىمىزدىن چوماق سوقماقچى بولغانلار چىقىپ تۇردى، ھازىرمۇ چىقىپ تۇرۇۋاتىدۇ. قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىزنى، قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىمىزنى دۇنيا ماختاۋاتىدۇ، ئەمما ئۆز ئىچىمىزدىن چىققان بىر قىسىم كىشىلەر تۇزاق قويماقچى بولۇۋاتىدۇ، توسقۇنلۇق قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئۇلار نېمە دېدى؟ چېقىلىمىز – يوقىتىمىز، دېدى. مانا بۇلار بىزنىڭ ئىشلەپچىققانلىرىمىز. بۇلارغا پەقەت سىلەرلا چېقىلالايسىلەر، تۇتالايسىلەر، كۆرەلەيسىلەر» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.
ئېچىلىش مۇراسىمىدا سارسىلماز قورال-ياراغ سانائىتى شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ئۆنەر ئۆزيىلمازمۇ سۆز قىلىپ: «بىزنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنىمىز ئەزەلدىن قالايمىقانچىلىق ئىچىدە ئىدى، بۇ قالايمىقانچىلىقلار بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدۇ. بىز قانچىلىك كۈچلۈك بولساق، شۇنچە خاتىرجەم بولىمىز. كۈچىمىزنى دوستلىرىمىزغىمۇ، دۈشمەنلىرىمىزگىمۇ قانچىلىق ئىپادىلىيەلىسەك، گېپىمىزمۇ شۇنچىلىك ئۆتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بوشلۇقلارنى ئۆزىمىز ئىشلەپچىققان يەرلىك ئورۇنلىرىمىز بىلەن تولدۇرۇشقا تىرىشىۋاتىمىز. ئارمىيەمىزمۇ بۇنىڭدىن كېيىن بۇ تېررىتورىيەدە ئۆز دۆلىتى ئىشلەپچىققان قوراللار بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ» دېدى.
يەرمەنكىگە تۈركىيەنىڭ ئۆزىنىڭ ھەربىي سانائىتى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقارغان كۆپ ساندىكى يەرلىك قوراللىرى، ھەر خىل ئايروپىلان، بىرونېۋىك، ئادەمسىز قوراللىق ئۇچقۇ، ھەر خىل ئايروپىلانلاردا ئىشلەتكىلى بولىدىغان، كۆپ خىل ئىقتىدارغا ئىگە قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا... قاتارلىق ئىلغار قوراللىرى كۆرگەزمىگە قويۇلغان. يەرمەنكىگە گەرچە ھاۋا سوغۇق ۋە يامغۇرلۇق بولسىمۇ، تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت-شەھەرلىرىدىن كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئاتايىتەن كېلىپ قاتناشقان. يەرمەنكىگە قاتناشماقچى بولۇپ ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىلا بىر مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن.
تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتىدە يېقىنقى يىللاردا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ھەقىقەتەن كۆرۈنەرلىك بولغان. كۆپلىگەن قورال ۋە ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ئۆزىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ تېخنىكىسىغا تايانماي ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى %80 لەرگە يەتكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر قىسىم قوراللارنى سېتىۋېلىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشتا باشقا دۆلەتلەرگە يالۋۇرىدىغان، قولىغا قاراپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈنەرلىك ئازايغان. ھەتتا بىر قىسىم تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ يېقىندىن دىققىتىنى تارتقان.
بۇ يەرمەنكىگە تۈركىيە ئۆزى ئىشلەپچىقارغان كۆپ خىل ئادەمسىز ئۇرۇش ئۇچقۇلىرىدا ئوخشاشلا ئىشلەتكىلى بولىدىغان «كەمانكەش» (KEMANKEŞ) ناملىق كۆپ ئىقتىدارلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى تۇنجى قېتىم كۆرگەزمىگە قويۇلغان. بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ رېئاكتىپ موتور، مۇقىملاشتۇرۇلغان كامېرا سىستېمىسى، سۈنئىي ئىدراك يۇمشاق دېتالىدىن سىستېما لايىھەلەشكە قەدەر پۈتۈنلەي تۈركىيە ئۆزى ئىشلەپ چىققان بولۇپ، ئېغىرلىقى 30 كىلوگىرام، نىشانغا دەل تېگىش مەنزىلى 200 كىلومېتىر ئىكەن.
تۈركىيە ھۆكۈمىتى دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قارار قىلغان 2018 - يىلىدىن باشلاپ، بولۇپمۇ ياشلارنى بۇ تۈرلەردە يېڭىلىق ئىجاد قىلىشقا سەپەرۋەرلىك قوزغاش ئۈچۈن كۆپ تىرىشقان. ھەرقانداق بىر كىشى ياكى بىر گۇرۇپپا كىشىلەر بىرەر لايىھە-پىلاننى ئوتتۇرىغا قويۇپ دىققەت قوزغاپ، دەرىجىگە كىرەلىسە، دۆلەت ئۇ كىشى ياكى كىشىلەرگە 13 مىليون لىرادىن كۆپ نەق پۇل مۇكاپات ۋە قىممىتى 30 مىليون لىرادىن كۆپ ماتېرىيال ياردەم قىلىدىكەن. يەرمەنكىگە قويۇلغان بۇيۇملار يىلدىن-يىلىغا كۆپەيگەن. شۇنداقلا قاتنىشىشقا مۇراجىئەت قىلىدىغان كىشىلەرمۇ كۆپىيىپ، بۇ يىل 600 مىڭدىن كۆپ كىشى ئىلتىماس سۇنغان.
تەييارلىغۇچى: مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر