27-ئاپرېل تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سانائەت تۈرلىرىنىڭ بىرى بولغان ئاككۇيۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ تۇنجى يادرو يېقىلغۇ يەتكۈزۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. تۈركىيە پىرېزىدېنتى ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن تور ئارقىلىق مۇراسىمغا قاتنىشىپ، تەبرىك سۆزى قىلدى.
بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈركىيە بۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش پىلانىنى 1970-يىلى باشلىغان بولۇپ، 1976-يىلى بۇ قۇرۇلۇشنى شىۋېتسىيە قۇرۇپ بەرمەكچى بولغان، ئەمما تۈركىيە 100 مىليون دوللار پۇل تاپالمىغاچقا، قۇرۇلۇش پىلانى ئەمەلگە ئاشمىغان. تۈركىيە ھۆكۈمىتى 1983-يىلى يەنە ئۈچ شىركەت بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، بۇ شىركەتلەر ئالدىن كاپالەت پۇلى تەلەپ قىلغان، ئەمما تۈركىيە پۇل چىقىرالمىغانلىقى سەۋەبلىك مەقسەت ئەمەلگە ئاشمىغان. 1998-يىلى يەنە بۇ قۇرۇلۇشنى سېلىش پىلانى ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق بۇ قېتىم شۇ يىللاردىكى تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەجەۋىت قۇرۇلۇش پىلانىغا قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن، يەنە ئەمەلگە ئاشمىغان. 2004-يىلى تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرلىقى بۇ قۇرۇلۇشنىڭ قۇرۇلىدىغانلىقى ھەققىدە ئېلان چىقارغان. 2010-يىلىغا كەلگەندە رۇسىيە بۇ قۇرۇلۇشنى سېلىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تۈركىيە بىلەن توختام تۈزگەن. شۇنداق قىلىپ، 2015-يىلى 15-ئاپرېل ئاككۇيۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىغا ئۇل سېلىنغان. 2018-يىلى 3-ئاپرېل تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن چوڭ بىر مۇراسىم بىلەن، بۇ قۇرۇلۇشقا ئۇل سېلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان. پىلان بويىچە 2018-يىلى 4-ئايدا بىرىنچى بۆلۈم، 2020-يىلى 6-ئايدا ئىككىنچى بۆلۈم، 2021-يىلى ئۈچىنچى ئايدا ئۈچىنچى بۆلۈم، 2022-يىلى 7-ئايدا تۆتىنچى بۆلۈمنىڭ قۇرۇلۇشى باشلانغان.
CNN تۈركچە قانىلىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مۇراسىمدا رەجەپ تاييىب ئەردوغان ياشلارغا خىتاب قىلىپ: «بىز دۆلىتىمىزنىڭ 60 يىللىق ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىمىزدىن پەخىرلەندۇق. بىز ئاككۇيۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا يادرو يېقىلغۇسى ئېلىپ كەلدۇق. شۇنداق قىلىپ، ئېلېكتىر ئىستانسىمىز يادرو ئەسلىھەلىرى سالاھىيىتىگە ئېرىشتى... ھۆرمەتلىك ياشلار! سىلەر بىزنىڭ ئۈمىدىمىز. ئىنشائاللاھ، بۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ پايدىسىنى سىلەر كۆرىسىلەر، سىلەر بىزنىڭ كۆز نۇرىمىز ۋە ئۈمىدىمىز! سىلەرنىڭ پارلاق كەلگۈسىمىزنىڭ بىناكارلىرى بولۇشىڭلارغا ئىشىنىمىز. بىز سىلەر ئۈچۈن، سىلەرنىڭ كەلگۈسى پارلاق ئىستىقبالىڭلار ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ كەلگۈسى 100 يىلىنىڭ ئاساسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىمىز» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.
ئاككۇيۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى تولۇق پۈتۈپ چىقسا، يىلىغا 35 مىليارد كىلوۋات سائەت توك ئىشلەپچىقىرىدىكەن. بۇ توك تۈركىيە ئېھتىياجىنىڭ %10 نى قامدايدىكەن، تۈركىيە ئىقتىسادىغا يىلدا تەخمىنەن 50 مىليارد دوللار پايدا بولىدىكەن، ئون مىڭلىغان ئادەمگە ئىش پۇرسىتى يارىتىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يادرو سانائىتى تۈرى بويىچە، تۈركىيەنىڭ ئۆزىنىڭ تېخنىكا خادىملىرىنىڭمۇ تەربىيەلىنىپ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن ئىمكانىيەت، شارائىت يارىتىلىدىكەن. ئاككۇيۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈركىيەنىڭ تۇنجى قۇرۇلۇۋاتقان يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى بولۇپ، ئورنى تۈركىيەنىڭ مەرسىن ۋىلايىتى گۈلنار ناھىيەسىدىكى ئاق دېڭىز ساھىلىغا جايلاشقان.
تەييارلىغۇچى: مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر