خىتاي ئەردوغاننىڭ كېسىلى ھەققىدىكى يالغان خەۋەرگە نومۇسسىزلارچە جاۋاب بەردى

خىتاي يەرشارى تېلېۋىزىيە تورى (CGTN)  26-ئاپرېل تىۋىتتېر ھېسابىدىكى ئىككى يازمىدا تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغاننىڭ ئۆزى قاتناشقان تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدا يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قالغانلىقىنى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ دوختۇرخانىغا چاقىرىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەزكۇر تاراتقۇ كېيىن پرېزىدېنت ئەردوغاننىڭ سالامەتلىكى توغرىسىدىكى دوكلاتلارنىڭ دەلىللەنمىگەنلىكىنى ئېيتىپ، يالغان خەۋىرىنى تېزلىكتە ئۆچۈرۈۋەتتى.

بۇنىڭغا جاۋابەت تۈركىيە پرېزىدېنتلىق سارىيى ئۇچۇر-ئالاقە ۋە خەۋەرلىشىش دېرىكتورى فاھرەتتىن ئالتۇن ئەردوغاننىڭ سالامەتلىكى توغرىسىدىكى «ئاساسسىز ئۇچۇرلار» نى قەتئىي رەت قىلىپ، ئەردوغاننىڭ سىن يىغىنى ئارقىلىق ئاككۇيۇ يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ ئېچىلىشىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي يەرشارى تېلېۋىزىيە تورى (CGTN) رادىئوسىنىڭ ئامېرىكىدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئىنكاس قوزغىغاندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى بۇ ساختا خەۋەر ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەدىكى سايلامنىڭ دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى ھەمدە خىتاينىڭ ئارىلىشىشنى ئويلىمىغانلىقى بىلدۈردى.

ماۋ نىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزگەن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ خىتاينىڭ رەسىمىي تاراتقۇسىنىڭ بۇ ھەقتە ھېچقانداق مەنبە كۆرسەتمەيلا بەرگەن بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان ھالدا: «مەن ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى بىلمەيمەن. ئەمما شۇنى دېيىشىمگە رۇخسەت قىلىڭ. تۈركىيە خىتاينىڭ دوستىدۇر، خىتاي باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا دائىم قارشى تۇرىدۇ. سايلام تۈركىيەنىڭ ئىچكى ئىشىدۇر. خىتاي ئۇنىڭغا ئارىلاشمايدۇ ۋە ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتىشكە تىرىشمايدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 854 قېتىم كۆرۈلدى
28/04/2023 15:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق