ھىندىستان خىتاينىڭ چېگرا كېلىشىمىنى بۇزغانلىقىنى ئەيىبلىدى

ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خىتاينىڭ ئىككى تەرەپلىك چېگرا كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇمىي پىرىنسىپال ئاساسىنى بۇزغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى راجنات سىنگى زىيارەتكە كەلگەن خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرى لى شاڭفۇ بىلەن كۆرۈشۈپ، «ھىندىستان-خىتاي چېگرا رايونى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشى» توغرىسىدا ئوچۇق-ئاشكارا سۆھبەتلەشكەن.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا ئېيتىشىچە، سىنگى لى شاڭفۇغا ھىندىستان-خىتاي مۇناسىۋەت تەرەققىياتىنىڭ ئالدىنقى شەرتى چېگرانىڭ تىنچ ۋە خاتىرجەم بولۇشى ئىكەنلىكى شۇڭا بارلىق چېگرا مەسىلىلىرىنى ھازىرقى كېلىشىم ۋە ۋەدىلەر بويىچە ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. خىتاي تەرەپ بۇ مەسلىگە ھازىرچە ھېچقانداق باھا بەرمىگەن.

ھىندىستان تەرەپ: «كۆپ ساندىكى خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە ئۇلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشى ۋە بىر تەرەپلىمە ھالدا چېگرادىكى ھالەتنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇشى ئىككى دۆلەت كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىق» دېگەن.

ئۈچ يىل ئىلگىرى لاداختا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 20 ھىندىستان ئەسكىرى ۋە تۆت خىتاي ئەسكىرى ئۆلگەنىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئىككى تەرەپ قاقاس تاغلىق رايوندا ئۇزۇن مۇددەت تىركەشكەن بولۇپ، چېگراغا ئون مىڭلىغان ئەسكەر ۋە زەمبىرەك، تانكا ۋە كۈرەشچى ئايروپىلان ئورۇنلاشتۇرغانىدى.

لى شاڭفۇ ھىندىستاننى زىيارەت قىلىش ئالدىدا ھىندىستاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي قوماندانلىرى بىلەن 18-قېتىملىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ ئەسكەرلەرنىڭ جىددىي ھالىتىنى ئۆزگەرتمەكچى بولغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ھىندىستان بىلەن خىتاي گالۋان ۋادىسىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبى قىرغاقلىرىدىكى پانگۇڭ كۆلى، گودجىرا ۋە بىر قىسىم رايونلاردىن ئەسكەر چېكىندۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەسكەرلەرنى داۋاملىق كۆپ قاتلاملىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى ساقلاپ قالغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 575 قېتىم كۆرۈلدى
28/04/2023 15:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق