خىتاينىڭ «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نى ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىپ، شاڭخەيدىكى ئامېرىكا شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرىنى سوراق قىلغانلىقى دەلىللەنگەن.
ئامېرىكا «Bain & Company» شىركىتى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئىككى ھەپتە ئىلگىرى شاڭخەيدىكى ئىش بىجىرىش ئورنىغا بېرىپ، خىزمەتچىلەرنى سوراق قىلغانلىقىنى دەلىللىگەن بولسىمۇ، ئەمما سوراق مەزمۇنىنى ئاشكارىلىمىغان. مەزكۇر ئامېرىكا مەسلىھەتچىلىك شىركىتى خىتاي دائىرىلىرى بىلەن مۇۋاپىق ھالدا ھەمكارلىشۋاتقانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرچە بۇ ۋەقەگە قارىتا ھېچقانداق باھا بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، چارشەنبە كۈنى خىتايدا يېڭىدىن تۈزىتىلگەن «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نىڭ ماقۇللىنىشى غەرب شىركەت خادىملىرىدا خىتاي بىخەتەرلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىشىغا بولغان ئەندىشە ئاشقان.
«ۋال كوچىسى گېزىتى» نىڭ 27-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» سوۋۇتۇش ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدىكەن. خىتاي «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» دۆلەتنىڭ تېخىمۇ كەڭ سانلىق مەلۇمات ۋە رەقەملىك مەلۇماتلارغا بولغان كونتروللۇقىنى كېڭەيتىپ، تاشقى تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇش كۈچى ۋە ھوقۇقىنى ئاشۇرۇشقا ياردەمچى بولىدىكەن. خىتاينىڭ بۇ تەدبىرى خەلقئارادا ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادى گەۋدە بولۇپ ھېسابلانغان خىتايغا نىسبەتەن خەتەرنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
خىتاينىڭ تۈزىتىلگەندىن كېيىنكى «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» خىتاي بىخەتەرلىكىگە بولغان ئېنىقلىمىنى تېخىمۇ كېڭەيتىدىكەن. بۇ قانۇن شى جىنپىڭغا ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بولغان تىركىشىشكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن خىتاينى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان بىر قاتار يېڭى قوراللارنى بەرگەن. ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ قانۇن يەنە خىتاينىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن چەتئەل مەبلىغىگە ئېرىشىش تىرىشچانلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان بولۇپ، بۇ قانۇن خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ھەر قايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە جاسۇسلۇق ئېڭىنى ئاشۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش يوللىرىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشقا ھوقۇق بېرىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ