خىتاينىڭ يادرو قوراللىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، كەلگۈسىدە ئامېرىكا بىلەن بولغان توقۇنۇشقا تەييارلىق قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 27-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شىۋىتسىيەدىكى ستوكھولم خەلقئارا تىنچلىق تەتقىقات ئورنى (SIPRI) نىڭ ئەڭ يېڭى مۆلچەرىگە قارىغاندا، خىتايدا تەخمىنەن 350 دانە يادرو ئوق بېشى بار بولۇپ، ئامېرىكا ۋە رۇسىيە بىلەن سېلىشتۇرغاندا يېتەرلىك ئەمەس ئىكەن. ئەمما بەشبۇرجەكلىك بىنانىڭ ئۆتكەن يىلى نويابىردا ئېلان قىلغان مۆلچەرىگە قارىغاندا، خىتاي يادرو قورال ئامبىرىنى تېزلىكتە تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقان بولۇپ، 2035-يىلىغا بارغاندا 1500 دانە يادرو ئوق بېشىغا ئىگە بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. خىتاي ئەمەلدارلىرى ئىلگىرى خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ يادرو قورالى تەرەققىياتىنى مۇبالىغە قىلىپ خەۋەر قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.
ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ئۇرۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ ياردەمچى پروفېسسورى داۋىد لوگان فرانسىيە خەلقئارا رادىيوسى مۇخبىرىغا: «خىتاي يادرو كۈچىنى تارىخىدىكى ئەڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كېڭەيتتى ۋە زامانىۋىلاشتۇردى. خىتاي يادرو ئوق بېشى ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە يادرو ئۈچ بىرلەشمە تېخنىكا ئىقتىدارىنى، يەنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ئايروپىلان ۋە سۇ ئاستى پاراخوتىغا يادرو ئوق بېشى سەپلەنگەن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى» دېگەن.
ئامېرىكا ماسساچۇسېتس سانائەت ئىنستىتۇتى خەلقئارا تەتقىقات مەركىزىنىڭ باش تەتقىقاتچىسى ئېرىك خېگىنبوتام فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسى مۇخبىرىغا: «يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەر ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بۇ خىتاينى يادرو قورالى ئارقىلىق ئۆچ ئېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە دۆلەت ھالىتىدىن دۇنيادىكى ئۈچىنچى چوڭ يادرو قورالى دۆلىتىگە ئايلاندۇرىدۇ» دېگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ