خىتاي ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى تەيۋەن بوغۇزى مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا تەۋە ئەمەسلىكىنى جاكارلىغان بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈردى.

خىتاي خەلق تورىنىڭ 25-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يېقىندا ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى كىلېۋېرلى مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «تەيۋەن مەسىلىسى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئەمەس، تەيۋەن مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش بارلىق كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن» دەپ جاۋاب بەرگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماۋ نىڭ بۇ مەسىلىسىگە جاۋاب بېرىپ، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرىنىڭ تارىخ دەرسىنى ياخشى ئۆگىنىشى كېرەكلىكىنى، دۇنيادا بىرلا خىتاي بارلىقىنى، تەيۋەننىڭ خىتاي زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى ئىكەنلىكىنى، تەيۋەننى خىتاينىڭ قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىش 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ بىلجىرلىغان.

باياناتچى ماۋ نىڭ يەنە: «50 نەچچە يىل ئىلگىرى، خىتاي-ئەنگلىيەنىڭ ئۆزئارا باش ئەلچى ئالماشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىرلەشمە ئاخباراتىدا، ئەنگلىيە تەيۋەننى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىر ئۆلكىسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان» دەپ دەۋا قىلغان.

ماۋ نىڭ باياناتىنىڭ ئاخىرىدا يەنە تەھدىت سېلىپ: «تەيۋەن مەسىلىسى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى، خىتاينىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىنىڭ ئاساسى، تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى، چەت ئەلنىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق، ئەنگلىيەنىڭ بۇ چوڭ ھەق، چوڭ ناھەق پىرىنسىپال مەسىلىدە سەگەك، ھەم سۆز-ھەرىكىتىدە ئېھتىياتچان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 431 قېتىم كۆرۈلدى
28/04/2023 15:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق