تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋەكىلى خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك ئۇچۇر-ئالاقە مۇنبىرىگە ئىشتىراك قىلدى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت ئەنقەردە تۈركىيە ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك ئۇچۇر-ئالاقە ۋە ئاپەت ئۇچۇر مۇنبىرىگە ئىشتىراك قىلدى.

مۇنبەر 25-، 26-ئاپرېل ئىككى كۈن داۋام قىلغان بولۇپ، مۇنبەرگە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى نىزامىدىن تەمكىنى بىلەن شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان ئەپەندىلەر ئىشتىراك قىلغان.

مۇنبەردە ئاساسلىق بۇ يىل  6-فېۋرال تۈركىيەنىڭ قەھرىمانماراش قاتارلىق 10 ۋىلايەتتە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپەتلىرى ۋە ئۇنىڭ تۈركىيەگە كۆرسەتكەن تەسىرلىرى تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلىنغان. 

بۇ جەرياندا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ۋاكالىتەن مۇنبەرگە ئىشتىراك قىلغان ۋەكىللەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايونلىرىدىن كەلگەن مۇتەخەسسىس ۋە دىپلوماتلار بىلەن كۆرۈشكەن. كۆرۈشۈشتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى تونۇشتۇرغان ھەمدە بۇ مەسىلە ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1200 قېتىم كۆرۈلدى
27/04/2023 18:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق