خىتاي بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېقىنلىشىشىنىڭ پەردە ئارقىسى ئاشكارىلاندى

يېقىنقى ئايلاردا كۆپلەپ كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتقان رىياد-بېيجىڭ يېقىن مۇناسىۋىتىنىڭ سەۋەبى ئايدىڭلاشتى. سەئۇدى ئەرەبىستان 2040-يىلى ئېچىۋېتىشنى پىلانلىغان ۋە 10 رايوندىن تەشكىل تاپقان «كەلگۈسىنىڭ شەھىرى» دەپ ئاتالغان NEOM نىڭ تور بىخەتەرلىكىنى خىتاينىڭ ئۈستىگە ئالغانلىقى تۈنۈگۈن دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا تىلغا ئېلىندى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئالدىنقى كۈنى دۆلەتنىڭ غەربىي شىمالىدىكى قۇملۇقتا سېلىنىدىغان ئۇتوپىيە شەھىرى NEOM نى رەسمىي تونۇشتۇردى. مىسىرنىڭ شەرم ئەل-شەيخ شەھىرىنىڭ دەل ئۇدۇلىغا قۇرۇلىدىغان ۋە 10 رايوندىن تەركىب تاپقان «كەلگۈسىنىڭ شەھىرى» 2040-يىلى ئېچىۋېتىلىدىكەن.

NEOM شەھەرچىسى پىلانىنىڭ باش دىرېكتورى گىلېس پەندېرتون ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى «دۆلەت گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا قىلغان سۆزىدە: تىرىليون دوللار خەجلىنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بۇ شەھەردە 2045-يىلىدا 9 مىليون ئادەم ياشايدىغانلىقىنى، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۇنجى ۋە بىردىنبىر «نۆل كاربون» شەھەر بولىدىغان NEOM دا ھەرقانداق نەرسىنىڭ بولىدىغانلىقى، سۈنئىي كۆل، سۈنئىي دېڭىز، دېڭىز ساھىلى، ئۇچار كىرا ماشىنىلىرى، كۈتكۈچى ماشىنا ئادەملەر، قار تېيىلىش مەيدانى ۋە  ھەتتا «سۈنئىي ئاي» مۇ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كىشىلەرنىڭ ساياھەتچىلىككە بولغان تونۇشىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىدىغان NEOM نىڭ 10 رايونىنىڭ بىرىنىڭ ئىسمى “The Strip” بولۇپ،  «سودا ئىچكى گېزىتى» ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، «بۇ رايون» ئۇزۇنلۇقى 160 كىلومىتىر كېلىدىغان «تەتۈر ئېگىز بىنا» دەپ ئاتىلىدىغان قۇرۇلما بولۇپ، قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرىسىغا سېلىنىدىكەن. سۈنئىي ئىدراك يەنە NEOM نىڭ باشقۇرۇشىدا خىزمەت قىلىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، شەھەردە ياشايدىغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇچۇرلىرى بىر مەركەزدە توپلىنىدىكەن.

شى جىنپىڭنىڭ رىياد زىيارىتىدە سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن كۆرۈشكەنلىكى، شۇ ئۇچرىشىشتىن كېيىن NEOM ئوتتۇرىغا چىققانلىقى، مىسىر ۋە سېربىيەدە «ئەقلىي ئىقتىدارلىق شەھەر» قۇرغان خىتاينىڭ NEOM نىڭ كۆزىتىش تېخنىكىسىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشنى ئۈستىگە ئالغانلىقى، خىتاينىڭ كۆزىتىش سىستېمىسى شەھەرنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

خىتاي ئاللىقاچان سېتىۋاتقان تېخنىكىلارنىڭ بىرى «كامېرا سىستېمىسى» بولۇپ، كوچىدا كېتىۋاتقان مىڭلىغان كىشىلەرنى بىرلا ۋاقىتتا تەكشۈرۈپ، جىنايى ئىشلار خاتىرىسى ياكى گۇماندارلارنى پەرقلەندۈرۈپ، ساقچىغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدىغانلىقى ئاللىبۇرۇن ئاشكارىلانغان مەسىلە بولۇپ، خۇاۋېينىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانلىقلارنىمۇ «بۇلۇت سىستېمىسى» بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى ئېلان قىلىندى، ئەمما تەپسىلى مەلۇمات بېرىلمىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستانلىقلار ئوتتۇرىغا قويغان يەنە بىر كەلگۈسى «تاشپاقا» شەكلىدىكى لەيلىمە شەھەر پانگېس بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى تەخمىنەن 335 مىليون يىل ئىلگىرى مەۋجۇت بولغان بىردىنبىر چوڭ قۇرۇقلۇق پانگىيادىن كەلگەن. ياسالغاندىن كېيىن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سەيلە كېمىسى بولىدىغان پانگېسنىڭ كەڭلىكى 600 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 600 مېتىر كېلىدۇ.

سائىتىگە ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك تېزلىكى 9 كىلومېتىرغا يېتىدىغان پانگېئوس ئۇنىڭدىكى غايەت زور قۇياش ئېنېرگىيىسى باتارېيەسىدىن ئېنېرگىيىگە ئېرىشىدۇ. پانگوس سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇلئەزىز پورتىدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بارىدۇ.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 823 قېتىم كۆرۈلدى
27/04/2023 17:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق