خىتاي يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇندى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى خەلقئارا جەمئىيەتتىن يوشۇرۇش رەزىل مەقسىتىدە، بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ گۇاڭجۇ، چېڭدۇ، چۇڭچىڭ قاتارلىق شەھەرلەردە تۇرۇشلۇق باش كونسۇل خادىملىرىنى باشلاپ، شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلدۇرغان.

خىتاي خەلق تورىنىڭ 26-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئىلگىرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان كۆز بويامچىلىق ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش مەقسىتىدە 24-ئاپرېل بىرازىلىيە، كۇبا، نېپال، ئىران، ۋىيېتنام، كامبودژا، سېنېگال، ئېكۋادور، ھىندونېزىيە، بېرما، تايلاند، ئۇگاندا، پاكىستان، تۈركىيە قاتارلىق 14 دۆلەتنىڭ گۇاڭجۇ، چېڭدۇ، چۇڭچىڭ قاتارلىق شەھەرلىرىدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇل خادىملىرىنى شەرقىي  تۈركىستاننىڭ قەشقەرنى زىيارەت قىلدۇرغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ باش كونسۇل خادىملىرى قەشقەر قەدىمىي شەھىرى، قەشقەر شەھىرى كونىشەھەر رايونى، يېقىندا ياساپ چىققان ئاتالمىش «ئۇنىۋېرسال تۈزەش خاتىرە سارىيى»، ھېيتگاھ جامەسى، خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش مەقسىتىدە ياساپ چىققان قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسىدىكى ئاتالمىش «مىللىي چالغۇ ئەسۋابلىرى كەنتى» نى زىيارەت قىلدۇرغان. خىتاي بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەدەنىيىتىنى ساقلىغانلىقىنى كۆرستىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەقىل تەكشۈرۈشىگە ئىزچىل توسقۇنلۇق قىلىپ كەلگەنلىكىنى، بۇ ھەقتىكى بېسىم ۋە ئەيىبلەشلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، مەخسۇس تاللانغان چەت ئەللىك شەخسلەرنى ئالدىنئالا تەييارلانغان مەيدانلاردا زىيارەت قىلدۇرغانلىقىنى، كېيىنكى ساختا تەشۋىقاتلىرىدا بۇ تۈردىكى پائالىيەتلەردىن كوزىر سۈپىتىدە ئالاھىدە پايدىلىنىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىشتىن ئىبارەت جىنايەتلىرىنى بىر مىنۇتمۇ توختاتمىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

خىتاينىڭ مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ باش كونسۇل خادىملىرىنى قەشقەردە زىيارەت قىلدۇرغان تارىخ بىلەن خىتاينىڭ ئەنقەرە باش كونسۇلخانىسى تەشكىللىگەن ۋە خىتايغا يېقىنلىقى بىلەن تونۇلغان سابىر بۇغدا ئۆمەك باشلىقى بولۇپ 22-ئاپرېل بېيجىڭغا ئۇچقان 20 كىشىلىك خىتايپەرەس ئۇيغۇر ۋە قازاقلاردىن تەشكىللەنگەن ئۆمەكنىڭمۇ دەل باش كونسۇل خادىملىرى قەشقەردە زىيارەتتە بولۇۋاتقان 24-ئاپرېل قەشقەرگە چۈشىشى دىققەت قوزغىدى.

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا مەزكۇر ئۆمەكنىڭ باشلىقى سابىر بۇغدا ۋە سەفاكۆيدە ئولتۇرىدىغان تىجارەتچى مەھمەت نىيازنىڭ قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى ئالدىدا چۈشكەن سۈرەتلىرى ۋە خوتەن قاشتېشى بازىرى ۋە ئەتلەس بازىرىنى زىيارەت قىلغان كۆرۈنۈشلىرى ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، خىتاي رېجىمىنىڭ تەتۇر تەشۋىقاتىغا ۋە ئۆز جىنايىتىنى ئاقلىشىغا ھەسسە قوشۇۋاتقان مەزكۇر خىتايپەرەسلەرنىڭ قىلمىشى خەلقىمىز تەرىپىدىن قاتتىق ئەيىبلەنمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 759 قېتىم كۆرۈلدى
27/04/2023 17:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق