خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت ئەنقەرە زىيارىتى جەريانىدا شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلار ئۈچۈن ئۈنۈملۈك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى.
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ باشلامچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت 25-ئاپرېل تۈركىيەدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تۈرلۈك قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە ئەنقەرەدە مەخسۇس زىيارەتتە بولدى.
ھەيئەت زىيارەت داۋامىدا تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ئالاقىدار بۆلۈملەر بىلەن جىددىي ئۇچراشتى. بۇ جەرياندا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ، 23-ئاپرېل «شەرقىي تۈركىستانلىقلار ھېيتلىشىش پائالىيىتى»دە مۇزاكىرە قىلىنغىنى بويىچە، ئەنقەرەدىكى نوپۇس ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئورگان ۋە شەخسلەر بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى ۋە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئېرىشىش جەريانىدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە توسقۇنلۇق مەسىلىلىرىگە قارىتا تۆۋەندىكىدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى:
1. بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ تۈركىيە پۇقرالىقى (ۋەتەنداشلىقى)غا ئىلتىماس قىلىش جەريانى تېزلىتىلىپ، نوپۇسقا ئىلتىماس قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك بارلىق قىيىنچىلىقلارنىڭ ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىنىشى.
2. ئۇزۇندىن بۇيان ئارخىپ تەكشۈرۈش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ پۇقرالىق ئىلتىماسىنىڭ تېزلەشتۈرۈلۈپ قوبۇل قىلىنىشى.
3. ئۇزۇن مۇددەتلىك ياكى نورمال ئىقامىتى بار، ئەمما ھازىرغىچە چاقىرىلمىغانلارنىڭ بىردەك پۇقرالىققا ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن چاقىرىلىشى.
4. ئىنسانىي ئىقامىتى بار بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭمۇ پۇقرالىق ئىلتىماسى ئۈچۈن قىسقا مۇددەت ئىچىدە چاقىرىلىشى.
5. بىرلىكىمىزگە مۇراجىئەت قىلغان 300 دىن كۆپرەك بىخەتەرلىك كودى بار بولغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ كودىنىڭ يوق قىلىنىشى.
6. پۇقرالىق ئىلتىماسى رەت قىلىنىپ، دەۋا يولى بىلەن ئاقلانغانلارنىڭ ئىلتىماسىنىڭ چوقۇم قوبۇل قىلىنىشى. (ئەگەر يەنە رەت قىلىنسا، تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ئىلتىماس قىلىنسا بولىدىكەن)
7. 18 ياشقا توشمىغان بالىلارنىڭ پۇقرالىق ئىلتىماسىدا ئۇچراۋاتقان ۋەلىيلەرنىڭ بىرىنىڭ ياكى ئىككىسىنىڭ تۈركىيەدە بولماسلىقى ياكى «مۇۋەپپەقىيەتنامە»سىنىڭ تولۇق بولماسلىقىدەك مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستانلىق ئۆسمۈرلەرنىڭ پۇقرالىققا ئىلتىماس قىلىشىنىڭ ئاسانلاشتۇرۇلۇشى قاتارلىق مەسىلىلەردە جىددىي قەدەملەرنىڭ تاشلىنىدىغانلىقى ھەققىدە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ئىپادە بىلدۈرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ