نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر خىتاي باش ئەلچىسىگە نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاينىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ ئالدىنقى كۈنلەردىكى قالايمىقان سۆزلىرى خەلقئارادا كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىغان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر نارازىلىق بىلدۈرگەندىن باشقا، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قاراتقان ئىستراتېگىيەسىنى قايتىدىن باھالىشى ۋە تەڭشىشى مۇمكىنلىكىنى ئېلان قىلدى.

خىتاينىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لۇ شايې 21-ئاپرېل فىرانسىيە  LCIتېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «خەلقئارا قانۇن نۇقتىسىدىن قارىغاندا، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ كۈچكە ئىگە ھوقۇقى يوق. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت سالاھىيىتى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان خەلقئارالىق كېلىشىم يوق» دەپ بىلجىرلىغانىدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 24-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، چېخ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يان لىپاۋىسكى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «بۇ پۈتۈنلەي قوبۇل قىلىنمايدۇ، بىز بۇنداق باياناتنى ئەيىبلەيمىز، خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ باشلىقلىرىنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن.

لىتۋانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گېبارىئۇس لانسبېرگىسمۇ نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ بۇ سۆزىنى پۈتۈنلەي قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە شۇنداقلا بالتىق دېڭىزىدىكى ئۈچ دۆلەتنىڭ خىتاي ۋەكىللىرىنى چاقىرىتىپ نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خىتاي باش ئەلچىسىدىن ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسىدىكى مەيدانىنىڭ ئۆزگەرگەن ياكى ئۆزگەرمىگەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىنى سورايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكى سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلىتىگە تەۋە ئەمەس، بەلكى سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن قانۇنسىز ئىشغال قىلىنغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئېستونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركۇز ساكنېر، ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىيو تاجانى قاتارلىقلارمۇ نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «خىتاي دىيالوگ ئۇسۇلىدا بىزنىڭ مەيدانىمىزغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ھۆرمەتلەش ئىتتىپاقتىكى ھەر بىر ئەزا دۆلەتنى ھۆرمەتلىگەنلىك، بۇ ئىنتايىن مۇھىم مەسىلە» دېگەن.

لىيۇكسېمبۇرگ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ژان ئاسسېلبورن نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «خىتاي بىزگە پارىژدىكى باش ئەلچىنىڭ مەيدانىنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى كېرەك. ئەگەر بۇ ئىش بۇنداق بولغان تەقدىردە، پۈتكۈل خەلقئارا تەرتىپ چوقۇم ۋەيران بولىدۇ» دېگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماۋنىڭ 24-ئاپرېلدىكى كۈندىلىك ئاخبارات يىغىنىدا مۇخبىرلەرنىڭ بۇ ھەقتە ئارقىمۇ ئارقا سوئال سورىشىغا دۇچ كەلگەن. ئەمما ئۇ جاۋابىدا خىتاينىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى، سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن مۇستەقىل بولغان دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئىنكار قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى ئۇنىڭدىن خىتاينىڭ فىرانسىيە باش ئەلچىسىنىڭ مەيدانىنى قوللايدىغان-قوللىمايدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ ئالدىنقى جاۋابلىرىنىڭ خىتاينىڭ ھەقىقىي مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 766 قېتىم كۆرۈلدى
26/04/2023 16:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق