ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىدىن خىتاينىڭ ئاۋىياتسىيە ئىشلەپچىقارغۇچى شىركىتىنى «ھەربىي ئاخىرقى ئىشلەتكۈچى» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 25-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئىككى كېڭەش پالاتا ئەزاسى يېقىندا ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئالىي ئەمەلدارلىرىغا مەكتۇپ ئەۋەتىپ، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئاۋىياتسىيە ئالەم بوشلۇقى ئەسلىھەلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچىسى بولغان «خىتاي سودا ئايروپىلانى چەكلىك شىركىتى»نى «ھەربىي ئاخىرقى ئىشلەتكۈچى» تىزىملىكىگە كىرگۈزمىگەنلىكىدىن شۇبھىلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ھەمدە خىتاي شىركىتىنى بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان.
كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ۋە رىك سىكوت مەكتۇپىدا: «ئارمىيە بىلەن پۇقرالارنى بىر گەۋدە قىلىش خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قانۇنلۇق ۋە قانۇنسىز ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ كەسىپ تەجرىبىسىگە ئېرىشىشىگە شارائىت ھازىرلاپ بەردى. خىتاي بۇ يول ئارقىلىق شىركەت ۋە ئورگانلىرىنىڭ سەزگۈر ھەربىي تەتقىقات، تەرەققىيات ۋە قورال-ياراغ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ. بۇ ئەھۋال بىرلەشمە تەتقىقات ۋە سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان غەرب شىركەتلىرىنىڭ خىتاي ئارمىيەسىگە نەپ يەتكۈزىدىغان سىستېما بەرپا قىلىش ياكى قوللاشتا ئىشلىتىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. خىتاي سودا ئايروپىلانى چەكلىك شىركىتىنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلىك سالاھىيىتى ۋە باشقا ئالەم قاتنىشى شىركەتلىرى بىلەن بولغان قويۇق مۇناسىۋىتى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ۋە ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان يوچۇق» دېگەن.
پالاتا ئەزالىرى مەكتۇپتا يەنە خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئارمىيە بىلەن خەلقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئىستراتېگىيەسىدە ئىلغار تېخنىكا ۋە تەجرىبىگە ئېرىشىش ئارقىلىق، خىتاي ئارمىيەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى، بۇ ئىستراتېگىيەنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت كارخانىلىرى، خۇسۇسىي شىركەتلەر، ئۇنىۋېرسىتېتلار، تەتقىقات پىروگراممىلىرى ۋە ھەربىي سانائەت قۇرۇلمىسى ئوتتۇرىسىدىكى چېگرانى قەستەن غۇۋالاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش ئىكەنلىكىنى، بۇ سەۋەبلىك مەزكۇر ساھەدىكى خىتاي شىركەتلىرىنى چەكلەش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ