خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى باش ئەلچىخانىسى تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇنىڭ خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئورۇنلاشتۇرغان ھېيتلىشىش پائالىيىتىگە قاتناشقانلىقىغا قارىتا يازما بايانات ئېلان قىلىپ، بۇنىڭغا «قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقى ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقى» ھەققىدە جار سالدى.