ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى: خىتاي ھەقىقىي غەرىزىنى ئاشكارىلىشى كېرەك

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى جېيمىس كىلېۋېرلى خىتاينىڭ ھەربىي ھازىرلىقلارنى كېڭەيتىشتىكى مەقسىتىنى يوشۇرۇش قىلمىشىنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋە تەرەققىيات ۋەزىرى جېيمىس كىلېۋېرلى 25-ئاپرېل لوندوندا سۆزلىگەن ئىستراتېگىيە نۇتقىدا، ئەنگلىيەنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىتتىپاقداشلىق مەيدانى ھەققىدە توختالغان ۋە خىتاينى ھەقىقىي نىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا چاقىرغان.

ئۇ نۇتقىدا: «مەن خىتاينى ھەربىي ھازىرلىقلارنى كېڭەيتىشىنىڭ ئارقىسىدىكى نەزەرىيە ۋە غەرەزنى ئاشكارىلاشقا چاقىرىمەن. چۈنكى ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەتىگە چوقۇم پايدىلىق. مەخپىي تۇتۇش بولسا پەقەتلا ئېچىنىشلىق خاتا ھۆكۈم چىقىرىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ» دەپ تەكىتلىگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماۋنىڭ بولسا بۈگۈنكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، مۇخبىرنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، خىتاينىڭ «تىنچ تەرەققىي قىلىشنى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزگەن بىردىنبىر دۆلەت» ئىكەنلىكىنى، ھېچقانداق بىر دۆلەتكە تاجاۋۇز قىلىپ باقمىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ھەربىي ھازىرلىقلارنى كېڭەيتىش ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنىڭ پۈتۈنلەي ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ بىلجىرلىدى.

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 805 قېتىم كۆرۈلدى
25/04/2023 16:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق