تايلاند دائىرىلىرى يەنە بىر ئۇيغۇرنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

2014-يىلدىن بۇيان تايلاند تۈرمىسىدە ناھەق تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان يەنە بىر ئۇيغۇر مەتتوختى مەتقۇربان تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىنىڭ ناچار مۇھىتى ۋە تايلاند دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭ كېسىلىنى داۋالىماي كارى بولمىغانلىقى سەۋەبلىك، 23-ئاپرېل قازا قىلدى.

41 ياشلىق مەرھۇم مەتتوختى مەتقۇربان 2014-يىلىدىن بۇيان تايلاند تۈرمىسىدە ناھەق تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 50 نەچچە ئۇيغۇر مۇھاجىرنىڭ بىرى. مەتتوختى مەتقۇربان خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسىدىن بولۇپ، 1982-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى تۇغۇلغان. نۆۋەتتە ئۇنىڭ ئۈچ پەرزەنتى ۋە ئايالى تۈركىيەدە ياشىماقتىكەن.

تايلاند تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا يېتىۋاتقان بىر ئۇيغۇر بۇ ھەقتىكى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئەسلىدە مەرھۇم مەتتوختى مەتقۇرباننىڭ ئاشقازان كېسىلى بار ئىكەن. گەرچە ئۇنىڭ كېسىلى ئىلگىرى ياخشىلانغان بولسىمۇ، بىراق تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىنىڭ تامىقى ۋە مۇھىتىنىڭ ناچارلىقى سەۋەبلىك، ئاشقازان كېسىلى قايتىدىن ئېغىرلاشقان. بۇ سەۋەبلىك رامىزاندا پەقەت 15 كۈنلا روزا تۇتالىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدىكى ساقچىلار كېسەل بولۇپ قالغانلارنى كېسەلگە مۇۋاپىق دورا بېرىش ئارقىلىق داۋالىماي، ئۇيقۇ دورىسى ياكى قىزىتما چۈشۈرۈش دورىسى بېرىپلا، كېسەلنى تىنچلاندۇرغان. بىمارلارنىڭ كېسىلى يېنىك ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئېلىپ چىقىپ داۋالاتماستىن، پەقەت كېسىلى ئېغىرلاپ يىقىلغاندا، ئاندىن رەسمىيەت يۈزىسىدىن جىددىي قۇتقۇزۇش ئورنىغا ئېلىپ چىققان.

مەتتوختى مەتقۇربانمۇ كېسىلى كونترول قىلغىلى بولىدىغان ۋاقىتتا دوختۇرخانىغا ئېلىپ چىقىپ داۋالىتىلمىغانلىقى سەۋەبلىك، كېسەل ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغان بولۇپ، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان. ئۇنىڭ مېيىت نامىزى 23-ئاپرېل باڭكوكتىكى ھارۇن مەسچىتىدە چۈشۈرۈلگەن. ئىككى ئاي ئىلگىرى قازا قىلغان 49 ياشلىق ئەزىز ئابدۇللاھمۇ تايلاند دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭ كېسىلىنى داۋالاتمىغانلىقى سەۋەبلىك كېسىلى ئېغىرلاپ، قازا قىلغانىدى.

ئىلگىرى مەرھۇم مەتتوختى مەتقۇربان بىلەن بىر كامېردا يېتىپ، كېيىنچە مۇۋەپپەقىيەتلىك قېچىپ چىقىپ، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان يەنە بىر ئۇيغۇرمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى ۋە مۇنۇلارنى بىلدۈردى

2014-يىلى تايلاند دائىرىلىرى خىتاينىڭ تەلىپى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىن ھىجرەت قىلىپ چىققان نەچچە ئونلىغان ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغانىدى ۋە ۋەقەدىن كېيىن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشى بىلەن، تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئايال ۋە پەرزەنتلىرى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ كېلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە تايلاندتا ناھەق تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 54 ئەتراپىدا بولۇپ، 2022-يىلى تايلاندنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇيۇقسىز تايلاند پايتەختى باڭكوكتىكى بىر تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىگە يۆتكەلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر تارقالغان. مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرغا قەدەر ئۇزۇن مۇددەت سەۋەبسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبچىسى خىتاي بولۇپ، تايلاند ھۆكۈمىتىگە ئىزچىل بېسىم قىلىپ تۇرۇش نەتىجىسىدە، تايلاند دائىرىلىرى ئۇلارنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرماقتىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 917 قېتىم كۆرۈلدى
25/04/2023 16:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق